باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ھېسلىرىم سىڭگەن يۈرەك

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.27 10:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىر تىۋىش كەلمەكتە ئاھ ! غەپلەتتە ياتماي سەز يۈرەك ،
چاغلىماي تېپچەكلىمە ( ھەسرەتتە قالغان دەز يۈرەك . )

گۈلمۇ كۆپ ، باردۇر تىكەن ! سۆيگۈگە تاقەت ئەيلىگىن،
يوق يىراق ، كۆرسەڭ چىمەن ھەيرەتتە قالماي كەز يۈرەك .

سۆيگۈچۈن ئاڭلاي دېسە بىر ياخشى مەرغۇل ( مەيلى كىم )،
سەن قەلب دىلتارىنى ئۈلپەتكە سالماي ئەز يۈرەك .

ھېسلىرىم سىڭگەن ساڭا ، سەن پارچە كاللەك گۆش ئەمەس !
سۆيگۈگە سوققىن ! ياماندىن ئەلۋەتتە ئازماي تەز يۈرەك .

يېرىلىپ كەتمە ۋىسال پەسلى قۇچاقنى ئاچسىمۇ ،
بول گويا تاۋلاپ ئۆزۈڭ ، كۈلپەتتە چانماي بەز يۈرەك !

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر