- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئارمان تۇماندەك لەيلىدى
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:40 مەنبە: خەلق تورى
مەن گويا ياتتىم بۆشۈكتە ، تەقدىرىم ئەللەيلىدى ،
گاھىدا توقماق گويا ، ھەر تەرەپ ۋاللەيلىدى .
تولغىنىپ كەلدىم ياشاپ كىملەرگە دوستمەن – ناتونۇش ؟
كۆرمىدىم كۈتكەننى گاھ ! ھىجران يۈرەكنى چەيلىدى .
مەن يېنىڭدا سەنمۇ ھەم يۈردۇق ئىشەنمەي تەمتىرەپ ،
سۆيگۈسىز قالدۇق شۇڭا ئارمان تۇماندەك لەيلىدى .
بىل نىگار ، تەقدىر نېمە ؟ ئۆزىمىز قىلدۇق ئىجاد !
بىلمىدۇق ! ئاددى جاۋاپ قەلبىمنى پايخان ئەيلىدى .
كۆرمىدۇق قىلمىشنى ھېچ ئۆزىمىز قىلغان تۇرۇپ ،
يۈكمۇ بىز ، تەقدىر ئېشەك ! بۇ سوئال ئەزۋەيلىدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر