- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كۆزدە ياش
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:40 مەنبە: خەلق تورى
دەردتە قالدىم كۆزدە ياش ، ئاقتى دەريا نىلچىلىك ،
سەپمۇ سالمايسەن ئەجەپ ھالىمغا ئەپسۇس قىلچىلىك .
سەن يۈرەكنى قىپ ئەسىر ، كەتتىڭغۇ كۆزدىن ئاھ ! يىتىپ ،
ئۆتتى سەنسىز ھەر دەقىق گوياكى ئون مىڭ يىلچىلىك .
سەندە يوقكەن ھېچ ئاياش ! ۋە ياكى سەنمۇ دۈشمىنىڭ ؟
سەھۋىنىمنى كۆپتۈرۈپ يۈرگۈدەكسەن پىلچىلىك .
گاھى شاھمەن بەزىگە ، ئەپسۇسكى ۋەسلىڭگە گاداي !
بولدۇمغۇ نىمجان ئاھ ئەجەپ ! قىلغاچقا تەقدىر پەسچىلىك .
سەن ۋاپانىڭ ئەكسىنى قىلدىڭمۇ سۆيگۈ سوۋغىسى ،
شۇمۇ ئەجرىڭ ؟ بولدى بەس ! ئەركىمگە ئەۋزەل مەستچىلىك ....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر