باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مۇڭ بايان

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.27 10:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

نېچۈن كەلمەيدۇ بۇ تەقدىر بىرەر رەت پەيتى ئىندەككە ؟
كۆدەككە بەكمۇ ئوخشايمىز ، گويا تەقدىر كېپىنەككە .

بىلىپ - بىلمەي ئەزەلدىن شۇ ئۇدۇمغا بەكمۇ ماسلاشتۇق ،
شۇڭا زورلايدۇ قىسمەتلەر ھامان ساختا چىمەنلىككە .

كۆرۈپ بىرلا كۆيۈپ قالدۇق ، لېكىن تەكرار بۇ ھال توۋا ،
كىرىپ قالدۇق بەخت ئىزدەپ ئەقىل تاپساق تىكەنلىككە .

ئەگەر پۇرسەتنى تاپساقلا ئاجايىپ ئۇستا ناتىق بىز ،
قىلالايمىز قايىل گاسنى ، تارىخ تەييار كېپىللىككە .

پەزىلەت ياتلىشىپ كەتتى تەسەللى ئىزدىگەچ مەيدىن ،
ۋە يا پەرھىزمۇ مەي زورلاش كىچىك - چوڭ ، تەڭ دېمەتلىككە .

نىمە قىلدى نابۇت بىزنى شۇنىڭغا ئەكسى تەلپۈندۇق ،
بۈگۈن زەئىپ ھاپاشلانسا يېتەلمىدۇق كېلەچەككە ؟

سۇئاللار كۆپ،جاۋاپ ئاچچىق ! ئەجەپ تەقدىرگە گول بولدۇق ،
ئاتاپ قويدۇقمۇ ۋە ياكى غۇرۇرنى ئاھ ، كېپەنلىككە ؟

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر