باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

چۆللەردە قالدىم سۆيگۈ دەپ

2015.04.27 10:39        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەن پېقىر بولدۇم ، لېكىن سەن شاھى سۇلتان ئەكسىچە ،
چۆللەردە قالدىم سۆيگۈ دەپ ، سەن باغدا رەيھان ئەكسىچە .

ئالدىدى مەۋھۈم ئۈمىد ، ( مەن بىر كۆدەكنىڭ تەڭتۇشى ! )
سۆيگۈمىز رىشتى غۇۋا .... ۋە ياكى قاپقان ئەكسىچە .

مەن ۋىسال پەيتى ئۈچۈن كەتسەم ئەقىلدىن ياتلىشىپ ،
سەن نېچۈن دۈشمەن سۈپەت ياتلارغا چولپان ئەكسىچە ؟

نازلىدىڭ ئەقلىمنى لال قىلغان دەقىق ئاھ ! يىلغا تەڭ ....
مەن كەيپ ، بىھۇش ئەمەس ! سەدپارە - تالقان ئەكسىچە .

سۆيگۈدىن كۈتسەم ۈمىد ، سۆيدى ئازاپ ئاھ ! تۇشمۇ تۇش ....
ئات مېنى ! سەنچۈن يۈرەك گوياكى قالقان ئەكسىچە .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر