باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ھامان ھەر جايدا يالغۇزمەن

2015.04.27 10:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


لىرىكاڭ دىلنى ھۇشسىزلاپ ، يۈرەكنى دەرتكە رام قىلدىڭ ،
قۇتۇلماق پەسلى مەۋھۈمدۇر لېۋىمنى مەيگە جام قىلدىڭ .

چۈشۈمدىن سىرغىدى ئاخشام كۆڭۈلدە بىخلىغان ئارمان ،
ھامان تەڭلەپ نېچۈن كىرپىك تېنىمنى قەتلىئام قىلدىڭ ؟

سىمايىڭ تەپتىدە مەستخۇش ئىدىم ، ئەپسۇس ئەلەس بولدۇم ،
نېچۈن سەندە ئاياش ئالۋۇن ؟ ( كۆزۈمدىن قان تارام قىلدىڭ ... )

خيالىم چۆللىشىپ مەرتەم چۈشۈمگە تاشلىدىم قارماق ،
لېكىن ھەر جايدا يالغۇزمەن ! ۋىسالغا تۈننى تام قىلدىڭ .

رېئاللىق يامغۇزى ئۆتتى يۈرەككە ( ئۆچتى ئوت يالقۇن ! )
لېكىن ئەقلىڭگە مەن ھەيرانمەن .... ئۈمىدنى دىلغا شام قىلدىڭ !

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر