- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قەلبىمدە ئىمكان يىلتىزى
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:31 مەنبە: خەلق تورى
ھىجراندا تاۋلاندىم تالاي ، ئۆلسەم كۆمۈلمەي ئىشقىلىپ ،
ھەسرەتتە سازلاندىم يەنە ياتلارغا بوپ نەي ، ئىشقىلىپ .
ئۈستەككە تۇتتۇم بىر دەقىق نازىغا دىلبەر ھەممىنى ،
ئۆتكىنىم ئۆتكەن لېكىن ، بىر رەت كۈلەلمەي ئىشقىلىپ .
كۆرمەي جامالىڭ .... تۇشمۇ تۇش تەشۋىشكە تەڭلەندى تىلەك ،
مەست دېدى ئۈلپەتلىرىم ، بىر جاممۇ ئىچمەي ئىشقىلىپ .
كەتمەكمۇ بولدۇم قول ئۈزۈپ قەلبىمدە سۆيگەن ھەممىدىن ،
سىرتماققا ئالدى بىر ؟ۈمىد ! يۈردۈم كېتەلمەي ئىشقىلىپ .
قەلبىمدە ئىمكان يىلتىزى شاخلايدۇ بىر كۈن ئېھتىمال ،
يۈرگىنىم يۈرگەن لېكىن ، بىر رەت كۈلەلمەي ئىشقىلىپ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر