باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈش

2015.04.16 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەقەتلا جاسارەت ۋە پاراسىتى كەم بولغان، مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق دىيەرلىك بالىلارلا، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل جسىمانىي ۋە روھىي قۇۋۋىتى بىلەن ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پىكرى، غەيرەت ۋە جاسارىتى بولغان بالىلار گەرچە ئىمتىھاننىڭ غايەت زور بېسىمىغا ئۇچرىسىمۇ، بىراق ئۇلار پەقەتلا %80 ئەقلىي ـ پاراسىتى بىلەنلا بۇ ئىمتىھانلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئاندىن %20 ۋاقتى بىلەن ئۆزى قىلىشنى ئويلىغان، كەلگۈسى ئۈچۈن بەلگىلىك ياردىمى بولغان ئىشلارنى قىلىدۇ. (لىڭ جىجۈن)

  ياخشى تەربىيە بالىنىڭ ئۆمرى ئۈچۈن ياخشى ئاساس. خاتا مائارىپ تەربىيىسىز قالغاندىنمۇ يامان. ئۆسۈپ ـ يېتىلىشمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر باسقۇچىنىڭ ئۆز قىممىتى بولىدۇ. ھەر بىر باسقۇچتىكى قىممەت ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك. كەلگۈسىدىكى نام ـ ئاتاق ئۈچۈن بالىلارنىڭ بالىلىقى ۋە ياشلىقىنى ئىگەللىۋېلىش، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ئىگەللىۋالغانلىق، بۇ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. تەلىم ـ تەربىيە مەنپەئەت ۋە پايدىلىنىشتىن يىراق تۇرۇشى، ساغلام، ئاقكۆڭۈل، جانلىق، ئەقىل ـ پاراسەتلىك بالىلارنى يېتىشتۈرۈشى، روھىيىتىنى بىيىتىشى كېرەك.(جوۋ گوپىڭ)

  كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار بەلكىم دەرسنى چۈشىنەلمىسىمۇ، يەنىلا ئورنىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ نەقەدەر كۈچلۈك ئىرادە ھە! ئۇزۇن يىللىق مائارىپ تارىخى ماڭا نۇرغۇنلىغان دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاقكۆڭۈل، كەڭ قۇرساق، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.(ۋېي شۇشېڭ)

  مەنىۋى دۇنياسى مول ئادەم چوقۇم كۆپ ئوقۇغان ئادەم. ئوقۇش سەپسەتە سۆزلەش ئەمەس، قائىدە ـ داۋلى سۆزلەشمۇ ئەمەس، بىر خىل تۇيغۇنىڭ تاۋلىنىشى. بالا ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈسە، قەلبنىڭ تەسەللىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، تۇرمۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تاپالايدۇ. ئەكسىچە، كىتاب ئوقۇمايدىغان، بىلىمگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان كىشىلەر كۆپ ھاللاردا بەختسىز، غەم ـ قايغۇ ئىچىدە ئۆتىدىغان كىشىلەر.(جۇ يوڭشىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر