باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

نېمىنى ساقلاۋاتىسەن

2015.04.16 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۆكتەبىر بايرىمىدا يولدىشىم بىلەن خەيدىيەن باغچىسىدىن كېلىۋېتىپ، كوچا ئېغىزىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىنىڭ يېنىدا غەربچە كېيىنگەن بىر ئەرنىڭ تۇرغانلىقىنى، ماشىنا ئىچىدە ئېسىل كېيىنگەن بىر ئايالنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۇق.
ــ زادى نېمە چاتاق چىقتى، تېخىچە ئوڭشاپ بولمىدىڭىزمۇ؟ ــ دېدى ئايال دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ.
ــ بىر تال ۋېنتىسى بوشاپ قاپتۇ، چىڭىتىپ قويساملا بولىدىكەن! ــ دېدى ئەر.
ــ ئۇنداقتا تېز بولمامسىز.
ئەر ئالتە ئايلىق بالىسى بار ئايالدەك يوغىناپ قالغان قورسىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
ــ ماشىنىنىڭ ئاستى بەك پەسكەن ــ دېدى.
ــ دۆت قاپاق، پۇل ئارقىلىق ئادەم ياللاشنىمۇ بىلمىگەن، ــ دېدى ئايال ئالايغىنىچە ئەرگە دوق قىلىپ.
ئەر بىردىنلا ئەقلىگە كەلگەندەك پىشانىسىگە ئۇرغىنىچە، يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ كېتىۋاتقانلارغا قاراپ مەغرۇر توۋلىدى:
ــ ماڭا ياردەملىشىپ ۋېنتىنى چىڭىتىپ بەرگەنلەرگە يۈز يۈەن بېرىمەن،ـ ئەر شۇنداق دەپ تۇرۇشىغىلا، يېنىمدا تۇرغان 13 ـ 14 ياشلاردىكى بىر بالا ئالدىمغا ئۆتتى.
بالا ئەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىشىنى تۈگىتىپ ئەرگە ئۈمىد بىلەن تىكىلدى.
ئەر يۈز يۈەنلىك پۇلنى بالىغا سۇناي دەپ تۇرۇشىغا ئايال ــ سەن ئۇنىڭغا راستىنلا يۈز يۈەن بەرمەكچىمۇ؟ بەش يۈەن بەرسەڭلا يېتەرلىك! دېگىنىچە بەش يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئەرگە سۇندى.
ئەر ئايالنىڭ قولىدىن بەش يۈەننى ئېلىپ بالىغا سۇنغاندا. بالا بېشىنى چايقاپ پۇلنى ئالغىلى ئۇنىمىدى. بۇۋاقىتتا توپ ئارىسىدىن مەسخىرە قىلىپ كۈلگەن، ئىسقىرتقان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئەر خىجىل بولغىنىچە يەنە بەش يۈەن قوشۇپ بالىغا سۇندى. بالا يەنىلا بېشىنى چايقىدى. ئەر چېچىلغان ھالدا:
ــ ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇنىڭغا رازى بولمىساڭ بىر پۇڭمۇ يوق، ــ دېدى.
بالا سەمىمىيلىك بىلەن:
ــ ياق، ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە باشقىلارغا قىلغان ياردەم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلماسلىق كېرەك دېگەن، ــ دېدى.
ئەر تېڭىرقىغىنىچە سورىدى:
ــ ئۇنداقتا سەن يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىسەن؟
ــ ماڭا رەھمەت دېيىشىڭىزنى،ــ دېدى بالا.



مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر