باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ھەقىقەت ئىزدەش

ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى

2015.04.16 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر ئادەم ھەقىقەت ئىزدەپ ھىندىستانغا كېلىپ قاپتۇ ھەم بۇ يەردە بىر سىرلىق تاغقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپتۇ.كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەقىقەتنىڭ ئاشۇ سىرلىق تاغ چوققىسىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پەقەت تاغ چوققىسىغا چىقالىسىلا، ھەقىقەتنى تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

  بىر قانچە ئايدىن كېيىن، ئۇ دەرۋەقە، رىۋايەتلەردىكى ئاشۇ سىرلىق تاغنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ھەم نەچچە كۈن تاغقا يامىشىپ، ئاخىرى ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە ئۆڭكۈرگە قاراپ ۋارقىراپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن بىر سادا چىقىپتۇ.

  ــ كىمنى ئىزدەيسەن؟

  ــ ھەقىقەتنى ئىزدەيمەن.

  ــ مەن دەل ھەقىقەت بولىمەن.

  ئۆڭكۈردىن يەنە سادا كەپتۇ.

  ئۇ ئۆڭكۈرگە كىرىپتۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ چوڭ يېرىدە ئىنتايىن كۆرۈمسىز ھەم غەلىتە مەخلۇقنىڭ گۈلخان يېنىدا تۈگۈلۈپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.

  ــ سەن ... ــ سەن ... راستىنلا ھەقىقەت بولامسەن؟

  غەلىتە مەخلۇق بېشىنى لىڭشىتىپتۇ. ھېلىقى كىشى ئۇنىڭ بەدبەشرە قىياپىتىدىن قورقۇپ لاغىلداپ تىترەپ كېتىپتۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپتۇ ۋە ئاخىرى ھەقىقەتنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يېتىپتۇ.

  ئۇ ئۆڭكۈردە ئۇزۇن يىل ھەقىقەتتىن تەلىم ئاپتۇ. ئاخىرى تاغدىن چۈشىدىغان چاغدا، ئۇ ھەقىقەتتىن ئۆزىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ.

  ــ مەن پەقەت سەندىن، ــ دەپ سۆز باشلاپتۇ ھەقىقەت، ــ ئادەملەر ئارىسىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنى تىلغا ئالغىنىڭدا، مېنى چوقۇم ھەم ياش، ھەم چىرايلىق دەپ تونۇشتۇرۇشۇڭنى سورايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر