باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى

2015.04.16 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىمىز ئاخىرلىشىپ، ئايرىلىش پەيتلىرى يېتىپ كەلگەندە، نۇرغۇنلىغان ساۋاقداشلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى تەييارلىدى، مەن يىراق تاغلىق كەنتتىن كەلگەن، ئائىلىسى نامرات، سوۋغا ئېلىشقا پۇلى يوق ساۋاقدىشىمىز لىن جىنىڭ ئۈن ــ تىنسىز بىر ياقتا ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم.

  ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ھەممىمىز سوۋغا تۇغرۇلۇق پاراڭلىشىشتىن توختىدۇق. ئۇ بىزنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرەپ «مەنمۇ كۆپچىلىككە ئازراق سوۋغا بېرەي» دېدى. بىز ئۇنىڭغا «ھاجىتى يوق، كۆڭلۈ بىزگە تېگىل بولدى» دەپ نەسىھەت قىلدۇق. بىراق ئۇ بۇ گەپنى چىن كۆڭلىدىن دەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى.

  تۆت يىلدىن بۇيان مەن لىن جى بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، كۈندە بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەھۋالى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى.

  ھەر قېتىم ئوقۇش باشلانغاندا ئۇ بىر كومزەك چىلىغان تۇرۇپ ۋە بىر كومزەك تۇزلانغان سەي ئېلىپ كېلەتتى. تاماققا بارغاندا پەقەت گۈرۈچنىلا ئېلىپ، ياتاققا كېلىپ تۇزلانغان سەي بىلەن يەيتتى، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇ تىجەپ يەپ، ئىمكانقەدەر ئۇزاقراق يەتكۈزۈشكە تىرىشاتتى. بىراق شۇنچىلىك قىلسىمۇ، ئېلىپ كەلگەن سەيلىرى مەۋسۇم ئاخىرىغا كەلگۈچە تۈگەپ كېتەتتى، ئۇنىڭ سەيسىز تاماق يېگەنلىكىنى كۆرگەن ساۋاقداشلار ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭغا تاماق بىلىتىنى بېرەتتى، مېنىڭ ئۆيۈم شەھەر ئىچىدە بولغاچقا، پاات ــ پات گۆش، بېلىق قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلاتتىم. يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيى شەھەر ئىچىدىكى ساۋاقداشلار لىن جىنى ياخشىراق ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشەتتى.قىش كۈنلىرى ئۇ ناھايىتى يىلىڭ كىيىنەتتى. لىن جىنىڭ قىشلىق كىيىمى بولمىغاچقا، ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا ئۆيلىرىدىن كونا ــ يېڭى كىيىملەرنى ئەكىلىپ بېرەتتى. سىنىپتىكى 35 ساۋاقداشنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىغان بىرمۇ ساۋاقداش يوق ئىدى.

  گەرچە ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، ئۇ ئۆگىنىشتە ئىنتايىن تىرىشاتتى. بىز قارت ئويناۋاتقان، پاراڭلاشقان، مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا ئۇ دەرسخانىدا بولمىسا، كۇتۇپخانىدا بولاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە تەسىراتلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىپ نەشىرىياتقا سۇناتتى. ئاندىن ئېرىشكەن قەلەم ھەققىگە كىتاب سېتىۋالاتتى ياكى ئوقۇش پۇلى قىلىپ تاپشۇراتتى. بىز ئۇنىڭغا قەلەم ھەققى كەلگەندە چاقچاق قىلىپ «مېھمان قىلمامسەن؟» دېگەن بولساقمۇ ئەمما، ئۇ راستىنلا مېھمان قىلماقچى بولغاندا ھېچقايسىمىز ئۇنىمايتتۇق. چۈنكى بىز ھەر بىر مو پۇلنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ياخشى بىلەتتۇق.

  ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى دەرسخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا خەيرلىشىش سۆزلىرى يېزىشىپ، سوۋغا بېرىشتى. تۆت يىل ئىچىدە بىر ـ بىرىمىزنىڭ دىلىنى رەنجىتكەن، ئاچچىق ئازاپلاندۇرغان ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇنداق جەم بۇلىدىغان پۇرسەتنىڭ ئەمدى كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى ئويلىساق ئىچىمىز ئېچىشاتتى.

  بۇ ۋاقىتتا لىن جى كۆرۈنمەيتتى. بىز ئۇنى ئىزدەۋاتقاندا، ئۇ بىر دەستە خاتىرە دەپتەرنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. نېمىدىگەن قاملاشمىغان؟ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغدا خاتىرە دەپتەرنىڭ نېمە كېرىكى؟ ــ دەپ ئويلىدۇق بىز. بىراق ئۇ خاتىرە دەپتەرنى بىرىمىزگە بىردىن تارقاتتى. ئاندىن مۇنبەرگە چىقىپ خاتىرە دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ سۆز باشلىدى:

  ــ بۇ مېنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىم ئىچىدىن تاللانغان 35 پارچە ئەسەر، بۇ تۆت يىلدا ھەممە ساۋاقداش ماڭا ياردەم قىلدى. مەن ھەر بىر ساۋاقداشنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىنى خاتىرىلىۋالدىم، مەن ئۇلارنى كۆپەيتىپ 35 دانە خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ چىقتىم. مەن كۆپچىلىكنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز، بىراق ھەقىقىي، ھەمىمىي ياردەم قەلبىمدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

  ئۇ چوڭقۇر تازىم قىلىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە بېشىنى كۆتۈرمىدى، بېشىنى كۆتۈرگەندە بولسا بىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

  سىنىپ ئىچى جىمجىت، جىمجىتلىقىدىن يۈرەكنىڭ دۈپۈلدىشىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى. بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق، بىزنىڭ ئىلگىرىكى ياردەملىرىمىز بۇ سوۋغا ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى. مۇشۇ ئالاھىدە سوۋغا بولغاچقىلا ئارىمىزدىكى دوستلۇق تېخىمۇ كۈچەيدى ... (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر