باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەقەت سىز قىلىشنى ئويلىسىڭىزلا

ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى

2015.04.16 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نىگىر ئانا قىزىنى ئېلىپ بېرمىڭھامغا كىيىم سېتىۋالغىلى كەپتۇ. قىزى كىيىمنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن كىيىم سىناش ئۆيىگە كىرمەكچى بولغاندا، ئاق تەنلىك مال ساتقۇچى قىزنىڭ ئالدىنى توسۇپ تەكەببۇرلۇق بىلەن «بۇ سىناش ئۆيىنى پەقەت ئاق تەنلىكلەرلا ئىشلىتەلەيدۇ، سىلەر ئىسكىلاتتىكى مەخسۇس قارا تەنلىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كىيىم سىناش ئۆيىگىلا كىرەلەيسىلەر» دەپ قىزنى كىرگۈزمەپتۇ. بىراق نىگىر ئانا قىلچىمۇ پەرۋا قىلماي قەتئىيلىك بىلەن مال ساتقۇچىغا: «ئەگەر قىزىم بۈگۈن بۇ كىيىم سىناش ئۆيىگە كىرەلمەيدىكەن، ھېچكىممۇ بۇ دۇكاندىن مال سېتىۋالالمايدۇ» دەپتۇ. مال ساتقۇچى سودىسىغا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يول قويۇپتۇ ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئىشىكنى توسۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. بۇ مەنزىرە قىزنىڭ سەبىي، يۇمران قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ.

  يەنە بىر قېتىم قىزى ئانىسى بىلەن دۇكانغا كىرىپ شىلەپىنى تۇتقاندا، يەنە ئاق تەنلىك مال ساتقۇچىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپتۇ. ئانا يەنە كەسكىن قىلىپ :«قىزىمغا بۇنداق گەپ قىلغۇچى بولما.» دەپتۇ ۋە قىزىغا قاراپ: « قىزىم كاڭدى، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر شىلەپىنى بىر قۇردىن تۇتۇپ كۆرۈپ چىققىن.»دەپتۇ. قىز خۇشال ھالدا ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزى ياقتۇرغان بارلىق شىلەپىلەرنى بىر قۇردىن تۇتۇپ كۆرۈپ چىقىپتۇ. مال ساتقۇچى بولسا ئامالسىز بىر چەتتە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ.

  بۇ كەمسىتىش ۋە ئادالەتسىزلىكلەرگە نىسبەتەن ئانا قىزىغا: «بالام، ئىسىڭدە تۇتقىن، بۇ ئىشلار ھامان ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئادالەتسىزلىكلەر سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس، ئىرقىڭ ۋە ئائىلەڭ سېنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىڭ. بۇنى بىز ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۆزگەرتكۈدەك خاتا يېرى ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ زۈرۆرىيىتىمۇ يوق. بۇ تەڭسىزلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سەن جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئورنۇڭنى ئۆزگەرتىشىڭ كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ياخشى، يەنى ياخشىنىڭمۇ ياخشىسىنى قىلالىساڭ پۇرسەت ئۆزى كىلىدۇ» دەپتۇ.

  شۇندىن باشلاپ، ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادە قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بايلىقىغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا بىلىمگە ئېرىشكىلى، شۇندىلا باشقىلاردىن تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بۇلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. مائارىپ ئۇنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ۋاستىسى بولۇپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان ۋە باشقىلاردىن ھالقىشىغا ياردەم بېرىدىغان بىردىنبىر قۇرالغا ئايلىنىپتۇ.

  كېيىن، ئالبامانىڭ بىرمىڭھام قارا تەنلىكلەر ئولتۇراق رايونىدا تۇغۇلغان بۇ نېگىر قىز فوربېس ژۇرنىلىدا شەرەپ بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقدار ئايال»دەپ جاكارلاندى. ئۇ نېگىر قىز-دەل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ــ رايىس.

  رايىس ئەسلەپ «ئانام ماڭا بالام كاڭدى، سېنىڭ ھايات نىشانىڭ ئاق تەنلىكلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان دۇكاندىن ھامبۇرگ بولكىسى سېتىۋىلىش ئۈچۈنلا بولمىسۇن، پەقەت سەن قىلىشنى ئويلىساڭلا، شۇنداقلا قىلشقا تىرىشساڭلا ھەر قانداق ئىشنى قىلالايسەن» دېگەنىدى، دېدى.

  بىز ھەقىقەتنى رەت قىلىشقا ئامالسىز. بىراق بۇ نۇرغۇنلىغان تاللاش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇش دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى كەمسىتىش ۋە ئادالەتسىزلىك بىزگە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە بىزنىڭ كۈرەش ئىرادىمىزنى تاۋلايدۇ.

  شۇنداق، بىز ئىرق، قانداشلىق، بەدەن شەكلى، تېرە رەڭگىنى تاللاشقا ئامالسىز، لېكىن بىز كۈرەش قىلىشنى تاللاشقا ھوقۇقلۇقمىز.پەقەت سىز ئۆزىڭىز شۇنداق بولىشىغا يول قويمىسىڭىزلا، ھېچكىم سىزنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قۇيالمايدۇ. خۇددى رايىسنىڭ ئانىسى ئېيتقاندەك، پەقەت سىز قېلىشنى ئويلىسىڭىزلا ۋە كۈرەش قىلسىڭىزلا ھەر قانداق چوڭ ئىشنى تەۋرىتەلەيسىز. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر