باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەرى قىزنىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىسى

2015.04.16 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقىت خۇددى ئېچىقلىق بىر كىتابقا ئوخشايدۇ، بىز بۇ كىتابتىكى ئاساسلىق پىرسوناژ بولۇپ، كىتابقا ئۆز ھېكايىمىزنى يازىمىز، بىراق يېزىلىپ بولغان ھېكايىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئىنتايىن گۈزەل ۋە تەسىرلىك ھېكايە يېزىشنى ئويلىساق بۇنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئۆزىمىزنى ، ئۆزىمىزنىڭ پىكىر ئۇسۇلىنى ياخشىلاش. قېنى، يېڭى بىر يىلدا يېڭى بىر بەتنى ئېچىپ، رەڭگارەڭ ھاياتىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ.بىر كۈنى، ئىككى كىچىك بالا ئويناۋاتقاندا، تۇساتتىنلا بىر پەرى قىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ ۋە ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە يېڭى يىللىق سوۋغا ئىلىپ كەلدىم.» دەپتۇ.

  ئۇ ئىككى كىچىك بالىنىڭ بىرىگە بىردىن خالتا بېرىپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.

  كارل ۋە فىلىپ ئۆزلىرىنىڭ خالتىسىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئىنتايىن چىرايلىق ئىككى پارچە كىتابنى كۆرۈپتۇ. كىتابنىڭ ۋاراقلىرى ھېلىلا ياغقان قاردەك ئاپئاق ئىكەن.

  نۇرغۇن ئاي ئۆتۈپ ھېلىقى پەرى قىز يەنە ئىككى كىچىك ئوغۇلنى ئىزدەپ كەپتۇ. «مەن يەنە سىلەرگە بىر پارچىدىن يېڭى كىتاب ئېلىپ كەلدىم،» دەپتۇ ئۇ. «ئالدىنقى قېتىم مەن سىلەرگە بەرگەن كىتابنى ۋاقىت بوۋاي سىلەرگە سوۋغا قىلغان، ھازىر مەن ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ كېتىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىشىم كېرەك» دەپتۇ.

  «مەن ئۆزۈمنىڭ كىتابىنى يەنە ئازراق ساقلىۋالسام بۇلارمۇ؟» دەپتۇ فىلىپ. «يېقىندىن بۇيان مەن بۇ كىتابنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. مەن كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بوش بەتلىرىگە ئازراق نەرسە سىزاي دېگەن ئىدىم.

  «بولمايدۇ» دەپتۇ پەرى قىز. «مەن ئۇنى چوقۇم مۇشۇ خىل ھالىتىدە ئېلىپ مېڭىشىم كېرەك».

  «مېنىڭ ئۇ كىتابنى يەنە بىر كۆرگۈم بار» دەپتۇ كارل. «مەن ھەر كۈنى پەقەت بىر بەتلا كۆرەلىدىم، ھەر قېتىم بەت ئاچقان چاغدا، بەتلەر بىر - بىرىگە چاپلىشىۋالىدىغان بولغاچقا، مەن كۈندە پەقەت كىتابنىڭ بىرلا بېتىنى كۆرەلىدىم.

  «سەن ئۆزۈڭنىڭ كىتابىغا قاراپ باق» دەپتۇ پەرى قىز. «فىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ كىتابىغا قارا». ئۇ ئاندىن بالىلارغا چىراغ ياندۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە چىراغ نۇرى ئاستىدا پەرى قىز بالىلارغا كىتاب بەتلىرىنى ئېچىپ بېرىپتۇ.

  بالىلار ھەيران بولغان ھالدا كىتابقا قاراپتۇ. بۇ پەرى قىز ئۇلارغا بىر يىل بۇرۇن سوۋغا قىلغان كىتاب شۇمىدۇ؟ تۇنجى ياغقان قاردەك ئاپئاق كىتاب بەتلىرى نەگە كەتكەندۇ؟ كىتابنىڭ بىرىنچى بىتىدە بىر قىسىم كۆرۈمسىز قارا داغلار ۋە قالايمىقان سىزىلغان ئىزلار بار ئىدى. يەنە تېخى ئاستىدىكى بەتكە ئىنتايىن ئۇماق بىر قىسىم كىچىك رەسىملەر سىزىلغان ئىدى. بىر قىسىم بەتلەردە بولسا ئالتۇن، كۈمۈش رەڭلىك ھەر خىل رەڭلەر بار بولۇپ، بەزى بەتلەرگە چىرايلىق گۈل ـ غۇنچىلار، يەنە بەزى بەتلىرىگە ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرغان ھەسەن ـ ھۈسەن سىزىلغان ئىدى. لېكىن شۇنچىلىك گۈزەل بەتلەردىمۇ يەنىلا كۆرۈمسىز داغ ۋە سىزىقلارنى ئىلغا قىلغىلى بۇلاتتى.

  ئاخىرىدا كارل ۋە فىلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ پەرى قىزدىن.«بۇنى كىم سىزغان؟ دەپ سورىدى. «بىز كىتابنى ئاچقان چېغىمىزدا، ھەر بىر بەت قاردەك ئاپئاق ئىدى. بىراق ھازىر بۇ پۈتۈن كىتابنىڭ ئىچىدە ئازراقمۇ بوش جاي يوق ئىكەنغۇ!»

  «مەن سىلەرگە بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ قۇياي،» پەرى قىز كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىككەيلەنگە شۇنداق دېدى. «قارا، فىلىپ سەن بىر قېتىم كىچىك بىر بوۋاققا ئۇيۇنچۇقۇڭنى ئويناشقا بەرگەچكە، بۇ ئەتىرگۈل پورەكلەپ ئىچىلغان؛ سەن بىر كۈنى كىشىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇلارنى شادلاندۇرغان، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشمىغان بولغاچقا بۇ ياڭراق قۇش ئاۋازى پەيدا بولغان.

  «بىراق نېمىشقا بۇ قارا داغ بۇلىدۇ؟» دەپ سورىدى فىلىپ.پەرى قىز ئازابلانغان ھالدا: «بىر كۈنى سەن يالغان گەپ قىلغاچقا بۇ قارا داغ پەيدا بولغان، بۇ قارا داغ بولسا سەن بىر كۈنى ئاناڭنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلمىىغانلىقىڭدىن بولغان. سەن ۋە كارلنىڭ كىتابىدا بۇ كۆرۈمسىز داغ ۋە سىزىقلار كەپسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن بولغان. ئەمما ئىپادەڭلار ياخشى بولغان ۋاقىتتا بۇ كىتابتا چىرايلىق رەسىملەر قىپقالىدۇ» دېدى.

  «ھە، ئەگەر بىز بۇ كىتابقا قايتىدىن ئىگە بولالىغان بولساق ياخشى بولاتتى!» دېدى كارل ۋە فىلىپ.

  «بۇ مۇمكىن ئەمەس» دېدى پەرى قىز. «قاراپ بېقىڭلار، بۇ كىتابلارنىڭ ۋاقتى پەقەت بۇ يىل بىلەنلا چەكلەنگەن، ئۇلار ھازىر چوقۇم ۋاقىت بوۋاينىڭ كىتاب ئىشكابىغا تىزىلىشى كېرەك. مەن سىلەرگە يەنە بىردىن كىتاب بېرىمەن، سىلەر بەلكىم بۇ كىتابنى بۇرۇنقى كىتابتىن تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپ چىقالايسىلەر.»پەرى قىز گىپىنى تۈگۈتۈپلا كۆزدىن غايىب بولدى. قالغان ئىككى بالا قوللىرىدىكى كىتابنى تۇتقىنىچە، تۇنجى بەتنى ۋاراقلىدى.كىتابنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئالتۇن رەڭدە «يېڭى بىر يىلغا بېرىش» دېگەن خەت يېزىلغانىدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر