باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ساختىپەز مىكيان

2015.04.16 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى پىلان – لايىھە بۆلۈمىدىكى شياۋخۇاڭنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە شياۋ خۇاڭنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن بۇ ئىشقا ئېنىقلىما بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.

  شياۋ خۇاڭ تىترىگىنىچە دېرىكتورنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. دېرىكتور ئۇنى خىزمەتتىن بوشاتماقچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتقاندىن كىيىن شياۋ خۇاڭ قاتتىق ئازابلىنىپتۇ. ئەسلىدە بۇ شېرىكلەشكەن كارخانا ئادەم قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تارىخى بار خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى توغرىسىدا ئېلان چىقارغان بولۇپ، شياۋ خۇاڭ بولسا ئەمسىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئىدى.

  شياۋ خۇاڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى دېرىكتورىنىڭ ئۆزىگە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ئازراق ئۈمىد پەيدا بولدى.

  شيۋ خۇاڭ سەمىمىيلىك بىلەن دېرىكتورغا :«دېرىكتور مەن كىچىكىمدە ئائىلىمىز ئىنتايىن نامرات ئىدى، ئانام مىكيان بىقىپ تۇخۇمىنى سېتىش ئارقىلىق مېنى ئوقۇتاتتى» دېدى.

  دېرىكتور شياۋ خۇاڭنىڭ بۇ گېپىنى تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراق ھېسداشلىق پەيدا بولدى ۋە شياۋ خۇاڭنى داۋاملىق سۆزلەشكە ئىشارەت قىلدى.«ئانام 18 مىكيان باققان. مىكيانلارنىڭ تۇخۇم تۇغۇشتىكى رىقابەت كۈچىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئانام تۇخۇم تۇغۇپ كاكىلدىغان ھەر بىر مىكيانغا ھەمىشە 10 نەچچە تال كۆممىقۇناق ئورۇقى چىچىپ بېرەتتى. تۇغمىغانلىرى بولسا شال كىپىكى يەيتتى، يەنى ئۇلارغا بولغان مۇئامىلە ئوخشىمايتتى.» دېدى شياۋ خۇاڭ.

  شياۋ خۇاڭنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كارخانا باشقۇرۇشنىڭ مۇكاپاتلاش، جازالاش تۈزۈمى بىلەن ئوخشىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ دېرىكتور ناھايىتى خۇشاللاندى. «چۈجىلەر چوڭ بولۇپ، مىكيان سانى بىردىنلا 25كە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ كۆممىقۇناق چاچىدىغان قېتىم سانىمۇ كۆپەيدى، چۈنكى كىچىك مىكيانلارمۇ تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىغان ئىدى. بىر كۈنى ئانام مۇنداق بىر ئىشنى بايقاپتۇ. ئانام كۈندە 25 قېتىم كۆممىقۇناق ئۇرۇقى چاچىدىكەن بىراق 24 تال تۇخۇم يىغىۋالىدىكەن. دېمەك، ئارىدا بىر مىكيان تۇخۇم تۇغماي تۇرۇپمۇ تۇخۇم تۇغقانلاردەك كاكىلداشنى ئۆگىنىۋالغان، ئۇنىڭ مەقسىدى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئانام چاچقان كۆممىقۇناقنى يېيىش. ئانام بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە دېرىكتورغا قاراپ قويدى شياۋ خۇاڭ.

  دېرىكتور ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە شياۋ خۇاڭنىڭ ساختىپەزلىك قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ھېس قىلغاندەك بولدى ۋە ئىنتايىن قىزىققان ھالدا سورىدى«ئۇنداقتا، ئاناڭ ھېلىقى ساختىپەز مىكياننى تىپىپ چىقالىدىمۇ؟».

  شياۋخۇاڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئانىسىنىڭ مىكياننى تېپىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئانام ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ بىر شەنبە كۈنى مېنى ياخشىراق ئۇزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن مىكياننى بوغۇزلىۋەتتى. نەتىجىدە، مىكياننىڭ قۇرسىقىنى ئەمدىلا يارغان ئانام ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى، مىكياننىڭ قۇرسىقىدا لىققىدە تۇخۇم تۇراتتى، ئەگەر ئانام يەنە نەچچە كۈن ساقلىغانلا بولسا بۇ مىكيانمۇ باشقا مىكيانلارغا ئوخشاش نۇرغۇن تۇخۇم تۇغۇپ بەرگەن بولاتتى. گەرچە مەندە ئالاقىدار خىزمەت تارىخى بولمىسىمۇ، لېكىن قۇرسىقىمدا نۇرغۇن پىلان ـ لايىھەلەر بار، مەن سىزنىڭ نەچچە تال ئۇرۇقىڭىزنى ئارتۇق يېگەنلىكىم ئۈچۈنلا مېنى ھەيدەپ چىقارمايدىغانسىز؟ بۇلارنى ئاڭلىغان دېرىكتور قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى ۋە شياۋ خۇاڭنىڭ مۈرىسىنى قىقىپ تۇرۇپ؛ «سەن ياخشى، سىلەرنىڭ ئۆيدىكى مىكيانلارمۇ ياخشىكەن» سېنى تەبرىكلەيمەن. بولدى، ئىشلەۋەر» دېدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر