باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قەرزگە ئىشلەشنىڭ سىرى

2015.04.16 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامىس ماكالىستىر ئەپەندى 50 ياشتىن ھالقىغان تاللا بازىرىغا يېڭىلا قوبۇل قىلىنغان مۇلازىمەتچى بولۇپ، تاللا بازىرىغا ئېلىپ كىلىنگەن مالنى چۈشۈرۈش ۋە تىزىش ئىشلىرىغا ئۇنىڭ كەم ماغدۇرلۇق قىلاتتى. جىددىي ۋە بېسىق خىزمەت رېتىمى ئاستىدا ئۇ بەزىدە كالامپايلىق قىلىپ قويسىمۇ، بىراق خۇجايىن ئۇنى ئىشتىن بۇشاتمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىش ھەققى ھەممىدىن تۆۋەن بولۇپ، كۈنلۈكى ئارانلا ئون دوللار ئىدى.

  تۇنجى ئىشقا چۈشكەن كۈنى جامىس ئەپەندى ئىنتايىن تىرىشتى. ئۇ لىق بىر ماشنا ئارپا يالپىقى، تاتلىقياڭيو تىلى، شاكىلات قاتارلىقلارنى ئامبارغا يۆتكەپ، نومۇر بىكىتىپ خاتىرىلىدى. بىراق، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگىنى ئىشقا چۈشۈپ ئىككى سائەت بولمايلا، خۇجايىن ئۇنى ئىشخانىغا چاقىرىتىپ، خىزمەتتىن بۇشاتماقچى بولدى. چۈنكى ئۇ تاللا بازىرىدىكى مەھسۇلاتلارغا ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان كىچىك ئېلانلارنى چاپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. جامىس ئەپەندى بۇ ئېلانلارنى ئىنتايىن چىڭ چاپلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنى سويۇپ چىقىرىۋىتىش ناھايىتى تەس ئىدى.

  خۇجاينىننىڭ ئۆزىنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان جامىس ئەپەندى ئىنتايىن جىددىيلەشتى ۋە خۇجايىنغا قايتا-قايتا يالۋۇرۇپ ئۆزىگە بىر قېتىملىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھەقسىز ئىشلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. پىخسىق خۇجايىن جامىس ئەپەندىنىڭ ھەقسىز ئىشلەپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ جامىس ئەپەندىنى ھېچنەرسە دېمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىشنى تېز قىلىشنى تاپىلىدى.

  ئىشلار يەنە بۇرۇنقىدەكلا بولىۋەردى، خۇجايىن يەنە جامىس ئەپەندىنى ئارىلاپ ـ ئارىلاپ چاقىرتىپ تۇراتتى. ھەر قېتىم خۇجايىن ئۇنى ئىشتىن بۇشىتىۋەتمەكچى بولاتتىيۇ، بوشاتمايتتى. چۈنكى جامىس ئەپەندى ئىشلىگىنىگە پۇل ئالمايلا قالماستىن، بەلكى ئايدا تاللا بازىرىغا 100 ئامېرىكا دوللىرى پۇل تۆلەيدىغان بولغان ئىدى.

  جامىس ئەپەندى ئېلان چاپلىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى. يەنى ئۇ پەقەت ئارپا يالپىقى، تاتلىقياڭيۇ تېلى ۋە شاكىلاتقىلا چاپلايتتى. ئېلاننىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇراتتى. ئېلان تىلىمۇ توختاۋسىز يېڭىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئېلانلار نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارغا تۇنۇشلۇق بولۇپ قالدى.

  نۇرغۇن كىشىلەر جامىس ئەپەندىنى ئەخمەق دەپ مەسخىرە قىلاتتى. ئەلۋەتتە، تاللا بازىرىغا پۇل تۆلەپ ئىشلەش خۇجايىننىمۇ ناھايتى بىئارام قىلدى. خۇجايىن كۆڭلىدە «جامىس دېگەن بۇ قېرى ئەبلەخنىڭ پۇل تۆلەپ دۇكىنىمدا تۇرۇشنى خالىشى، ناچار ئۇچۇرنى تارقىتىش ئۈچۈن ئەمەستۇ»ـ دەپ ئويلىدى؟ شۇڭا خۇجايىن دەرھال ئادەم چاقىرتىپ، جامىس ئەپەندى چاپلىغان ئېلاننى ئېلىپ كۆردى. كۆرۈپلا باغرى تاش خۇجايىننىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلدى. ئېلان مەزمۇنى مۇنداق ئىدى.

  ھۆرمەتلىك خېرىدار:

  ياخشىمۇسىز!

  ھەقىقەتەنمۇ ئەدەپسىزلىك بولدى. مېنىڭ 18 ياشقا كىرگەن قىزىم نېۋ جېرسىيغا ساياھەتكە كېتىپ، ئۈچ ئايغىچە قايتىپ كەلمىدى. ئۇ ئارپا يالپىقى، تاتلىقياڭيۇ تېلى ۋە شاكىلات يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئەگەر سىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق لەززەتلىك تەمدىن بەھرىمەن بۇلۇشىنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا، ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىڭ (ئۇنىڭ يېنىغا ئامراق قىزى لۇسىينىڭ سۈرىتى قۇشۇمچە قىلىنغانىدى)

  جامىس ماكالىستىر

  بۇ ئامېرىكىنىڭ نېۋ جېرسىي ئشىتاتىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە. كېيىن، جامىس ماكالىستېر ئەپەندى ئاخىرى ئۆزىنىڭ قىزىنى تېپىۋاپتۇ. ياللاش - ياللىنىش مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن كۈنى، خۇجايىن ئادەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ ئون ھەسسىسى بويىچە جامىس ئەپەندىگە مائاش بېرىپتۇ. بىراق جامىس ئەپەندى بۇ پۇلنى ئېلىشنى رەت قىپتۇ، چۈنكى، جامىس ئەپەندى بۇ پۇللارغا ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان، 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ مەبلىغى بار كارخانىچى ئىدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر