باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئايلىق كىرىمىڭىز ئىككى مىڭ يۈەن بولسا، مالىيەنى مۇنداق باشقۇرىسىز

2015.04.16 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايلىق كىرىمىڭىز ئىككى مىڭ يۈەن بولسا، بۇ پۇل سىزگە نىسبەتەن چىقىمنى قامداشقىمۇ يەتمىسە، مەن سىزگە بۇ پۇلنى قانداق خەجلەشنى ئۆگىتىپ قۇياي، مۇشۇنداق قىلسىڭىز، سىز ناھايىتى ياخشى ياشىيالايسىز.

  ئالدى بىلەن سىزگە ياردەملىشىپ پۇلىڭىزنى بەش بۆلەككە بۆلۈشۈپ بېرەي: 1-بۆلەك 600 يۈەن، 2-بۆلەك 400 يۈەن، 3-بۆلەك 300 يۈەن، 4-بۆلەك 200 يۈەن، 5-بۆلەك 500 يۈەن. ئەمدى بىز بۇ پۇلنى قانداق ئىشلىتىش يولىغا قاراپ باقايلى.

  بىرىنچى بۆلەك پۇل بىلەن قۇرساق توقلايسىز. ئەتىگەنلىك تاماق بىر موما، بىر تۇخۇم، بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى؛ چۈشلۈكى ئىككى خىل قورۇما بىلەن بىر ۋاق تاماق؛ كەچلىكى: ئىككى خىل قورۇما قورۇپ، ئۆزىڭىز تاماق ئېتىسىز، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قاپ سۈت ئىچىسىز، مۇشۇنداق قىلىسڭىز بىر ئايلىق تاماق پۇلىڭىز 500-600 يۈەن ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدۇ شۇنداقلا سالامەتلىكىڭىزمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

  2-بۆلەك پۇل: ئىجتىمائىي ئالاقىڭىزنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، تىلىفون پۇلىڭىز 100 يۈەن، ئايدا ئىككى قىتىم باشقىلارنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن بىر قېتىمدا 150 يۈەن، كىمنى مېھمان قىلىسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزدىن كۆپ ئىشلارنى ئويلىيالايدىغان، سىزدىن باي شۇنداقلا سىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر، ئەگەر سىز مۇشۇنداق قىلىشنى بىر يىل داۋاملاشتۇرسىڭىزلار دوستلۇق چەمبىرىكىڭىز سىزگە قىممەت يارىتىپ بېرىدۇ. سىزنىڭ ئابرويىڭىز، تەسىر كۈچىڭىز، قوشۇمچە قىممىتىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى سىز ھەم ياخشى، ھەم مەرد سىز بۇلالايسىز.

  3-بۆلەك پۇل، ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھەر ئايدا 50 ـ100 يۈەنگىچە كىتاب سېتىۋالىسز. پۇلنى كۆپ خەجلىمەيسىز بەلكى سېتىۋالىدىغان كىتابنى ئەستايىدىل تاللايسىز، ئوقۇيسىز. ھەر بىر پارچە كىتابنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىىش ئارقىلىق پاراڭ تېمىسنى كۆپەيتىسىز. قالغان 200 يۈەننى ساقلاپ قىلىپ، ھەر يىلى بىر قېتىم تەربىيەلەش سىنىپىغا قاتنىشىسىز، بۇنداق قىلغاندا ھەم يېڭى دوستقا ئېرىشەلەيسىز ھەم يېڭى بىلىملەرنى ئىگەللىيەلەيسىز.

  4-بۆلەك پۇلنى، ساياھەتكە ئىشلىتىسىز. يىلدا بىر قېتىم ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاپ، ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم ساياھەتكە چىقىسىز. مۇشۇنداق نەچچە يىل داۋاملاشقاندا، نۇرغۇنلىغان جايلارغا بېرىپ بۇلىسىز، بۇنىڭ بىلەن بىلىدىغىنىڭىز كۆپىيىدۇ، كۆزىڭىزمۇ ئېچىلىدۇ.

  5-بۆلەك پۇلنى مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىسز. ئاۋۋال پۇلنى ساقلاپ قۇيىسىز، ئاندىن پايچەك بازىرىغا مەبلەغ قىلىپ سالىسىز، ياكى تاۋباۋدا تور دۇكىنى ئېچىپ، توپ سېتىش بازىرىدىن مال ئەكىلىپ ساتىسىز، بۇنداق بولغاندا سېتىپ بۇلالمىغىنىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىشلەتسىڭىزمۇ زىيان تارتمايسز. كۆپرەك پۇل تاپقاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، ئۆزىڭىزنى ئۇزۇن مۇددەت كاپالەتكە ئېرىشتۈرىسىز، بۇنداق بولغاندا، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر نېمىلا ئىشقا يولۇقىشىدىن قەتئىنەزەر تۇرمۇش سۈپىتىڭىز تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ.

  مۇشۇنداق بىر يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، 2-يىلى سىز يەنىلا ئايلىق كىرىمىڭىزنى 2000 يۈەندىن ئاشۇرالمىسڭىز، ئۇ ھالدا سىز سىز بولماي قالىسىز.

  كىرىمىڭىز 3000 يۈەندىن تۆۋەن بولغاندا، چوقۇم قوشۇمچە ئىشلەپ پۇل تېپىشىڭىز كېرەك، نامراتلىقىڭىزغا باقماي بۇنى قىلغۇم يوقتى، ئۇنىڭغا قىزىقمايتتىم دەپ خۇي چىقارماڭ، كىيىم، ئاياق قاتارلىقلارنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز ئىشتىن سرت ئىشلەپ تاپقان پۇلىڭىزغا سېتىۋىلىڭ.

  كىرىمىڭىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، چوقۇم بەش بۆلەككە بۆلشنى ئۇنتىماڭ. بەدىنىڭىزگە بولغا سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، سالامەتلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىڭ؛ ئىجتىمائىي ئالاقىگە بولغا مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئالاقە دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ؛ ئۆگىنىشكە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇڭ؛ ساياھەتكە بولغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ؛ كەلگۈسىگە بولغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، كىرىمىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.

  مۇشۇ تەڭپۇڭلۇققا كاپالەتلىك قىلسىڭىزلا پايدىغا ئېرىشەلەيسىز. بۇ ياخشى سۈپەتلىك، دەۋرىيلىنىدىغان كىشىلىك ھايات پىلانى: تېنىڭىز بارغانچە ساغلاملىشىدۇ، دوستىڭىز بارغانچە كۆپىيىدۇ، نۇرغۇنلىغان قىممىتى بار كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىڭىز شەكىللىنىش بىلەن بىرگە يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاتنشىپ ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرالايسىز، ئىدىيىڭىزنى ئاچىسىز. پىشىپ يېتىلىسز. شۇنداقلا بارا ـ بار ئارزۇلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز، ئۆزىڭىز ئېلىشنى ئارزۇلىغان ئۆيگە، ماشىنىغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى بالىڭىزغا يېتەرلىك مائارىپ مەبلىغى سالالايسىز. كەمبەغەل ۋاقتىڭىزدا كۆپرەك سىرتتا بولۇڭ؛ بېيىغاندا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈڭ. كەمبەغەل چېغىڭىزدا پۇلنى باشقىلارغا خەجلەپ بېرىڭ، بىيىغاندا ئۆزىڭىزگە خەجلەپ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىڭ. نامرات ۋاقتىڭىزدا سېخى بولۇڭ؛ بېيىغاندا كىبىرلىك قىلىپ كەتمەڭ. مانا بۇ تۇرمۇش سەنئىتى، ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋىتىدۇ.

  ھايات ئاللىقاچان ئاددىي ۋە جىمجىتلىققا قايتقاندا ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەشنى، نېمىنىڭ قىممەتلىك بۇيۇم ئىكەنلىكىنى، نېمىگە مەبلەغ سېلىشنى، نېمىنى قانداق تىجەشنى بىلىڭ. بۇ پۈتۈن جەرياننىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى. سىز ئەڭ چوڭ خىراجەت يەنى كىرىمىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردىڭىز، تۇرمۇشقا خەجلەيدىغان پۇلىڭىزمۇ يېتەرلىك بولدى، ئەمدى سىز قاناتلىرىڭىزنى كېرىپ، يۈرەكلىك ھالدا چۈش كۆرۈڭ، ھاياتىڭىزدا ئوخشىمىغان يولدا مېڭىپ بېقىڭ. كىشىلىك ھاياتنى لايىھەلىگىلى بولىدۇ، تۇرمۇشنى پىلانلىغىلى بولىدۇ، بەختنى تەييارلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا سىز ھازىردىن باشلاڭ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر