- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سەنمۇ كۆي ۋەسلىڭ چېتىپ
تۇرغۇن جالالىدىن
2015.04.10 17:00 مەنبە: خەلق تورى
دىلبىرىم، گۈلخان ياسايدۇ ھۇش ئارا نازى بەدەن،
جىلۋىگەر ھۆسنۈڭ نۇرىدىن دىلغا جا پەيزى چىمەن.
لال قىلىپ چۈشكەن نەزەرىڭ چاقمىقى خۇرشىد ئاچار،
مىسلى مىسران كىرپىكىڭدە ھېچ ئەمەس ئەركىم ئېسەن.
تاڭ ياساپ كەلگەن شەپەق ھەم رەڭلىنەر مەڭزىڭ ئارا،
خۇش سابا ئوينار ھىدىڭنى كۈلدۈرۈپ باغنى تۈمەن.
ئاققۇسى مېھرىڭ دىلىمغا، چاچلىرىڭ دولقۇن ئۇرۇپ،
ھەر تېلى باغلار دىلىمغا ئاجرىماس ئىشقى كىشەن.
لەۋ يېرىپ تۇرغان ئېچىرقاش كۆيدۈرەر تاقەتنى زەپ،
بال قۇچۇپ ئوتلۇق لېۋىڭدە تاۋلىنار شېرىن سۇخەن.
رىشتىگە بەرگەي سۈزۈكلۈك سەن ئۈپۈپ ئۆتكەن دەقىق،
تەپ ئېلىپ پەزلىڭ يۈرەكتىن چۈشمىگەن زەررە ئېۋەن.
سەن ئاياغ باسقان ئارادا مەن ئەمەس غەمدىن نېرى،
ئۈنلىرىم تەشۋىش تىلىدا چاچرىتار ئىشقىي سۈرەن.
ئويغىتىپ تۇردۇم تۈنۈڭنى، سۇن ۋىسال ئىمكانىنى،
ھەر نەپەس زىكرىمدە مەھكەم سەن چوقۇم، باغرىم- لېۋەن!
ئوت قويۇپ قاچقان، نىگارىم، سەنمۇ كۆي لەۋزىڭ چېتىپ،
پەنجىدە تۇيغۇن ئۈمىد بار، تاڭلىرىم ۋەسلى تېمەن...
2011 – يىلى 12 - ، 15 – نويابىر، تۇرپان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر