باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سەنمۇ كۈل مەنزىل ئارا

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.10 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تاڭ ياساپ تۇردۇم، نىگارىم، شام – سەھەر مەنزىل ئارا،
غەم قۇچۇپ ئۆتتى باھارىم دىل يىراق ھاسىل ئارا.
تالجىقىپ ھىجران دېمىدە شەرمىسار كۇللى قەدەم،
مەن تېپىپ كەلدىم كامالەت ئاشىقى سائىل ئارا.
ئايلىنىپ تۇرغان پەلەكنىڭ چامدىمى مەزمۇت چوقۇم،
ۋە لېكىن تاپماس پۈتۈنلۈك ۋەسلى پەيت نائىل ئارا.
چۈش يۈتۈپ كەتكەن شەبىستان جۇغلىدى كۆكرەككە چوغ،
مەن ئەمەس تەركى كۆيۈكتىن ھەم ئەمەس غاپىل ئارا.
سىر بولۇپ كۈلگەن سەھەرنى نەۋباھار سۆيدى ئۇزاق،
جىلۋىنى سەزمەس يۈرەكلەر شەك تېغى پاسىل ئارا.
مەست پېتى يۈردۈم ئۇزاقتىن لەۋ يۇقى شەربەتنى دەپ،
تەس، بىراق، تامچە قارارى دىل يېرىپ مايىل ئارا...
ساپ سۆيۈك ۋەجى قەلىبتە پەللىنى تاپقان تامام،
ھۆسنىگە بەرگەن ھارارەت مېھرى چوغ پازىل ئارا.
تۇغ ماڭا چىجدان خىتابى، ھېستا چاقماق نەرىسى،
شۇ سەۋەب يەتتىم ئەسەبكە، شۆھرىتىم سەرخىل ئارا.
تاڭغا نۇر سەپكەن، نىگارىم، لەرزىنى تاپقان كۆيۈك،
غەمنى ئۈز چاتقان دىلىڭدىن، شاھ ئۆزۈڭ يەكدىل ئارا.
2011 – يىلى 11 - ، 12 – ئۆكتەبىر، تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر