باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تاپ

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.10 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گۈل بەدەن، ئىزدەپ كۆكۈمدىن جىلۋىگەر ئەختەرنى تاپ،
كۈل بەدەن ئىشقىڭ ئوتىدا، چوغ ئارا پەيكەرنى تاپ.
نازلىرىڭ ئاقسا ھوشۇمغا جۇش ئۇرۇپ رۇخسار ئارا،
قانلىرىم قاينار پۇرۇقلاپ، ماگمىدىن مۆلچەرنى تاپ.
گۈل چىمەن ياشنار ھىدىڭدىن ھىد ئېلىپ، سۈلكەت تۈزۈپ،
ئورنىغان مەھكەم دىماغقا لالەيۇ – سەبدەرنى تاپ.
لال بولۇپ خۇرشىد مۆكۈنگەي رەستىگە چىقساڭ كۈلۈپ،
جۈپ قاراق مېھرى يۇغۇرغان نۇر ئۈپۈپ زەڭگەرنى تاپ.
دىل قۇچۇپ شەربەت سۈمۈرسە كۆچكۈسى لەۋلەرگە چوغ،
رىشتىدە تاۋلاپ مۇھەببەت ئۈلپىتى جەۋھەرنى تاپ.
رىغبىتى ئاشقاي سۆيۈكنىڭ جىلمىيىپ قويساڭ دەقىق،
ئىلتىپات راسلاپ تېڭىمغا پارلىغان شەلپەرنى تاپ.
تەھسىنىم مەيلىڭ تۇتاشقان كۆكلىتىپ ئۆتكەي سېنى،
چاڭقىقىم يۈتسۇن باغاشتىن، ئۆكسىمەس كەۋسەرنى تاپ.
كۆچكىنىڭ قانچە قاراقتىن بىھېساب ھىجران بېرىپ،
جىلۋىسىز ئۆتكەن پەسىلگە زەر ھەلەك مۇنبەرنى تاپ.
گۈل بەدەن، ناخۇش كۈنۈمگە ھۇش بېرىپ كەلدى تىلەك،
جان بىلەن، تۇيغۇن، دىلىڭغا ئورنىغان دىلبەرنى تاپ.
2011 – يىلى 8 - ، 9 – ئۆكتەبىر، تۇرپان.
تۇرغۇن جالالىددىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر