باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تاپار ئەسەبتىن دىل شىپا

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.10 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جام بىلەن ئىشرەتكە چۆككەي مەن كەبى كۆڭلى يارا،
نام بىلەن ھىجرەتكە مۆككەي سەن كەبى كۆڭلى قارا.
ھۇش يۈتۈپ ئۆتمەك تۈنۈمدە دەردى ھال بولدى داۋام،
مىڭ ئۆچۈپ قايتا تىرىلدىم ئۈزمىگەن ئاھ – زار ئارا.
بىر قىيا باققان دېمىڭدە ئىشقى مۇڭ بەرپا ئىدى،
جۈپ قاراق ئەكسىدە جەۋلان سەن سېپىپ ئۆتكەن زىيا.
دىلرەبا، خۇرشىدنى باغلا، مەن سىياھ تۈنگە ئەسىر،
جىلۋىگەر ھۆسنۈڭدە بولسۇن رىشتىلەر داغدىن جۇدا.
بىرلىرى ئۆتتى قېشىمدىن ئەسكى تىل، نەپرەت چېچىپ،
سوغ سېلىپ ئۆتمەس يۈرەككە جۇت ئارا رەزگى تاپا.
تاش ئېتىپ ئۆتكەندە تەشۋىش دىل ئۆيۈم ۋەيرانە ھەم،
ئەتكۈسى مەجنۇن سالاپەت سەن ئۈچۈن جاننى پىدا.
سەن ئەمەس ئاسىي يۈرەككە، گەرچە بار ھىجران غېمى،
ئۆرتىمەك ئادەت قەدەمگە ئىشق ئارا كەلسە رىيا.
بولغىنىم ئالى كوچاڭدا سۆيگۈچۈن سائىل سۈپەت،
ھەر نەپەس، ھەر بىر نەپەستە بالقىغاي ئەھدىم تازا.
لەۋ قۇچۇپ يانغان دەقىقەم مەن ئۈچۈن ئىنئام ئەزىز،
چاڭقىقىم تاپقاي ئەسەبتىن دىل كۈيى سۇنغان شىپا.
جام بىلەن كۈلبەمدە ئۈلپەت قۇرغىنىم شەلپەر ئۈچۈن،
سۇنغىنا تۇيغۇنغا تاڭدىن بىغۇبار ۋەسلى جۇلا...
2011 – يىلى 24 – سىنتەبىر، تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر