باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تېنىم ئوتلۇق قاراقىڭدا

2015.04.10 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تېنىم كۆيدى قاراقىڭدا، كېلىپ، دىلبەر، ئۇزاتقىن جام،
كەيىپ ئەۋجى ھاراقىڭدا يۇيۇلسۇن دەرد، يۇيۇلسۇن نام...
كۆڭۈل خانەم قارايغاندا بولۇپ ئۈلپەت ئېچىل بىر پەس،
سېنىڭسىز يوق قىزارغان تاڭ، قەرەل تۈندە زىياسىز شام.
ساڭا رىشتە چېتىپ كەلدىم، دوقاللاردىن ئېشىپ كەلدىم،
تەسەددۇقسىز دىلىم ناخۇش، قۇرۇپ كەلدى ھىجىرلار دام.
تېپىپ ئالدىم باھارلاردىن ساڭا تالىق ئەزىز چۈشنى،
جۇلا يايغان پەزىلەت ھەم جامالىڭغا پەخىرلەر رام.
لېۋىڭ ئەھدى ئىدى مېھراب تامام كۆيگەن نەپەسلەرگە،
بىراق، مەيلىڭ ئۈزۈپ كەلدى يۈرەك كۈتكەن لەزىز ئىنئام.
ئەجەب جۇغلاپ ئۇلانغان تۈن – سەھەرلەرگە غېمىڭ بائىس،
جۇنۇن ھالىم، ئېگىك قەددىم ئەمەللەردە قۇچۇپ بەتنام.
كۈيۈم كۆچمەس تىلەكلەردە چاقاي رەزگى ئۆسەكلەرنى،
ۋاپا شەبنەم، راۋا ھەمدەم، پۈكۈلمەس دىل داۋام ئىلھام.
تېنىم كۆيگەن قاراقىڭدا ياسا، دىلبەر، سۆيۈك ۋەسلى،
كەيىپ تۇيغۇن راۋاقىڭدا، قويۇن ئاچقىن كېلىپ ئىلدام.
2011 – يىلى 16 - ، 17 – سىنتەبىر، تۇرپان.
تۇرغۇن جالالىددىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر