باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

توزىماس رەيھاننى چات

تۇرغۇن جالالىدىن

2015.04.10 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دىلرەبا، ھۆسنۈڭ گۈلىدىن تىلغا ئوت خەنداننى چات،
پارلىتىپ پەزلىڭ نۇرىدىن دىلغا قۇت ۋىجداننى چات.
چەكمىكىم پەرياد تۈنۈمدە تەركى ھۇش ئەتتى داۋام،
ئىشقى ھال يەتكەن قەرەلگە بىغۇبار ئاسماننى چات.
بىر قىيا باقماق سەۋەبى رام ساڭا ئوتلۇق يۈرەك،
سەنمۇ چوغ تاشلاپ قويۇنغا دەۋرىگەن گۈلخاننى چات.
شەرمىسار بولماق كويۇڭدا داغ پۈتۈپ تۇردى ئېنىق،
يۈرگۈزۈپ تەھرىر سۆيۈكنىڭ ئەۋجىگە داستاننى چات.
پۇرقىتىڭ سالغان جاراھەت كۆبجۈدى زەرداپ ئارا،
جىلۋىگەر ۋەسلىڭ دېمىگە ئەم سۇنۇپ ئىمكاننى چات.
جۇغلىنىپ ئىستەك دىلىمدا لەرزىگە باغلار سېنى،
ھەر سەپەر قەدرى نۇرانە بەرقارار دەرماننى چات.
مەن كەبى مەجنۇن تېپىلماس ھەيرىتىم ئىقرارىدا،
قالدۇرۇپ ئەغيارنى غەمدە لەۋ قۇچۇپ جەرياننى چات.
تاۋلىسا مېھرىڭ ھارارەت سۈپسۈزۈك تاڭغا نىشان،
تەۋرىمەس مەندە ساداقەت، سۆيگۈگە پەيماننى چات.
دىلرەبا، جىلۋەڭ گۈلىدە رەڭلىنىپ تۇرسۇن ۋىسال،
پەرۋىشى تۇيغۇن ئۈمىدتە، توزىماس رەيھاننى چات!
2011 – يىلى 18 – دىكابىر، تۇرپان.
تۇرغۇن جالالىددىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر