باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تۇرغاي

تۇرغۇن جالالىدىن

2015.04.10 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


شەپەققە نۇر – جۇلا تۆكتى ئۈنۈڭدە تاڭ – سەھەر، تۇرغاي،
بېغىغا چىقسىدى دىلبەر، سابادا خۇش خەۋەر، تۇرغاي.
ئۇزۇندىن جايى بوستانغا يېشىمدىن ئۈنچىلەر تۆكتۈم،
نىگارنىڭ لەۋزى ئۇنتۇلدى قارا دەشت ھەر سەپەر، تۇرغاي.
يۈرەكتە كۆكلىگەن رەيھان ھىجىرنىڭ سوغىدا قالدى،
ھارارەت پەيتى زەپ مۈشكۈل، قويۇنلار بىنەزەر، تۇرغاي.
سەھەردە نە ئۈچۈن باشلاپ تۆكۈلدۈڭ مۇڭ ئارا كۈيدىن،
تىلىڭدىن ئاجرىغان نالە دىلىمغا مىڭ زەرەر، تۇرغاي.
سېنىڭچە دەرد يۇتۇپ مەنمۇ كۆيۈكنىڭ داغىدا نىمھۇش،
دولامغا قونغىنا بىر پەس، كۆزۈمدىن ئال قەمەر، تۇرغاي.
مۇھەببەت ئوقچىتىپ تۇرغان، بېشىڭنى ياق، بۇ كۆكرەككە،
ئىكەنسەن مەن كەبى دەردمەن، يارامدىن قىل ھەزەر، تۇرغاي.
ئۈنۈمگە ئۈن قوشۇپ كەلدىڭ باھار بوستاننى تاپقاندا،
قۇچار سوغ – جۇتنى دىلبەرسىز قەدەمدە ھەر گۈزەر، تۇرغاي.
ئاداققى لەۋزىگە يارنىڭ دىلىم چاڭقاقلىقى مېھراب،
جۇلا سەپلەيدۇ رىشتەمگە لېۋىمدە نۇر ئەسەر، تۇرغاي.
شەپەققە قوندۇرۇپ تاڭنى تۆكۈل ۋەسلىمگە خەندان بوپ،
ۋىسالنىڭ لەززىتى تۇيغۇن، يۈرەككە جا زەپەر، تۇرغاي...
2011 – يىلى 2 - ، 9 – نويابىر، تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر