باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۇلا رىشتە، ئۈز ھىجران

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.10 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جىلۋىنىڭ ئالۋۇنلىرىدىن ئەمدى ھەيرەتلەرنى ئۈز،
چىللىنىڭ يالقۇنلىرىدىن غەيرى سۈلكەتلەرنى ئۈز!
مەن تامان ئۇچقان ساباغا لالە – رەيھانىڭنى چاچ،
تىغ بولۇپ پاتقان غېمىڭدىن ئىشقى كۈلپەتلەرنى ئۈز!
تۈن خىيال ئاچقان قەرەلگە ئاھلىرىم مەزمۇن ئىدى،
داغ سېلىپ تۇرغان ساقايماس ھىجرى زەخمەتلەرنى ئۈز!
خوپ ئەمەس ئاشسا قىيادىن دىل كۆزۈڭ سەپكەن نەزەر،
سىڭ سەھەر شەبنەم بېتىگە، يۇپقا زىننەتلەرنى ئۈز!
لەۋلىرىڭ لەۋلەرگە مەلھەم، شۆھرىتىم ۋەسلىڭگە جەم،
تاڭ ياساپ كەلگىن مۇبارەك، لەۋزى غۇربەتلەرنى ئۈز!
دىلرەبا، چوغلۇق يۈرەكتە سەنمۇ كۆي گۈر – گۈر يېنىپ،
ئاچ باغاش چاڭقاق دىلىمغا، ئەسلى تاقەتلەرنى ئۈز!
لال بولۇپ كەلدىم ئۆزۈمگە، كۈل مىسال نىمھۇش تېنىم،
قىل پىسەنت چېھرىڭ نۇرىدىن، قەستى غەپلەتلەرنى ئۈز.
ئوتقا سەكرەپ چۈشكىنىم ئەغيارغا بوپ كەتتى ئويۇن،
بەر ئىزاھ مېھرىڭ سۆزىدىن، رەزگى تۆھمەتلەرنى ئۈز.
جىلۋىدىن ئالۋۇن ئۈزۈلسە بار چوقۇم بەرقى ۋىسال،
تاڭنىدا، تۇيغۇن، ھارارەت، داغى سائەتلەرنى ئۈز.

2011 – يىلى 30 – نويابىر، 1- دىكابىر، تۇرپان.
تۇرغۇن جالالىددىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر