باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ۋىسالىڭدىن ئۈزۈلمە، دىلبەر

تۇرغۇن جالالىدىن

2015.04.09 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مېنى، دىلبەر، قىلىپ رەسۋا جامالىڭدىن جۇلا ئۈزدۈڭ،
قېنى ئەختەر نەزەرىڭدە، قاراقىڭدىن زىيا ئۈزدۈڭ.
مانا، تەشۋىش قۇچاق ئاچتى، خىيالىمغا ئەسىر سەۋدا،
يارا پۈتمىش مۆھۈر باستى، پىسەنتىڭدىن داۋا ئۈزدۈڭ.
سەھەر – شامنىڭ پىغانى كۆپ شەپەقلەرنىڭ رېڭى ئۆكسۈپ،
سابا خۇشبۇي ئىدى ئەسلى، بىراق، ئىللىق رىزا ئۈزدۈڭ.
ھامان دىلدا يانار خۇرشىد قارارىڭنى قىلىپ تەنقىد،
مانان چاچقان قەرەل سۇندۇڭ، ئىشق مەيلى – راۋا ئۈزدۈڭ.
قىلىپ بىر لاپ يېنىپ ئۆچكەن نىگاھىڭنىڭ گۈنى كۆچكەن،
ھوشۇم تىغلاپ سىياھ تۈندە نەپەسلەردىن ھاۋا ئۈزدۈڭ.
پىراق ئەۋجى قەدەملەردە كۈلەر دەۋرىي ھىجىر قەستى،
يىراق ۋەسلى قەسەملەردە مېھىر بەرقى پىدا ئۈزدۈڭ.
تەسەددۇقتۇر ساڭا بارىم، چىمەنىڭدە باھار – يازىم،
ئەجەب قۇچتى تامام زارىم، ئەمەللەردىن قىيا ئۈزدۈڭ.
ساداقەتنى پۈكۈپ كەلدىم، دوقاللارنى ئۈپۈپ كەلدىم،
كۆيۈك ئەھلى ئارا دىلدىن قىيام بولغان شىپا ئۈزدۈڭ.
تېپىپ دەۋرەش ئۇلا رىشتە، ئازارىڭدىن قويۇن خەستە،
داۋام جەۋلان سۆيۈك ئەستە، غەرەزىڭدىن سىپا ئۈزدۈڭ.
قېنى، دىلبەر، كۆيۈپ سەنمۇ خىيالىڭدىن جۇلا ئۈزمە!
يانار تۇيغۇن نەزەرىڭدە... ۋىسالىڭدىن زىيا ئۈزدۈڭ...
2011 – يىلى 15 - ، 16 – سىنتەبىر،تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر