باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شەپەقتە يار جۇلاسى بار

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.09 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يىراقتا تاڭ زىياسى بار، شەپەقتە يار جۇلاسى بار،
پىراقتا ئاڭ خاتاسى بار، ئەسەبتە خار سالاسى بار.
يۈرەكتىن سۇنسا گەر چاقماق لاۋا ئىمكاندا مەن پەيدا،
نىگارنىڭ ئەمرىدە يۈكسەك كۆڭۈلنىڭ تىك قىياسى بار.
كۆكۈم خۇرشىدنى سۆيگەندە تۆكۈل باغرىمغا يۇلتۇز بوپ،
لېۋىم چوغلارغا ساھىبتۇر، يۈرەكنىڭ خۇش ناۋاسى بار.
ئۇزاق ھىجراندا تالجىقما، ئىشق دەۋەتلىرىم سەندە،
كېسىلگەن پەيتتە نە دەۋرەش، ھىجىرنىڭ كۆپ سالاسى بار.
كۆزۈم چولپانغا تەقدىرداش جىمى تۈنلەرگە نۇر سەپكەن،
چۈشۈڭ گۈلشەنىنىڭ، دىلبەر، تېڭىمغا چىڭ راۋاسى بار.
دىلىڭ تارىغا تار چاتقان گۈزەل سۆھبەتكە يەتمىشمەن،
سىرىڭ ھالقىشلىرى تەپتى شەرھنىڭ ھەم چالاسى بار.
مېنى جىملەشكە چاقىرما، تامام ئەسلەرگە مەزمۇنسەن،
قۇياشتىن داجىغان يۈزنىڭ مېھىرگە داغ، رىياسى بار.
نوقۇپ ئۆتكەندە ۋەسۋەسە سېنىڭ چېھرىڭدە رەڭ بولماي،
سوغۇق گىردابقا مەھكۇممەن، پىغاننىڭ سوغ دالاسى بار.
پىراقنىڭ ئەۋجىدە، تۇيغۇن، سۆيۈكنىڭ ۋەسلى كامىللىق،
يىراقتا تاڭ زىياسى بار، شەپەقتە يار جۇلاسى بار...
2011 – يىلى 7 – سىنتەبىر،سەھەر، تۇرپان.
تۇرغۇن جالالىددىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر