باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۈمىدنىڭ ئاسمىنى سەن – سەن

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.09 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۆزۈمدىن بالقىتىپ جەۋلان دىلىمنىڭ چولپىنى سەن – سەن،
ئۇيۇل مەقسەتكە ھۇش بەرگەن تىلىمنىڭ ئارمىنى سەن – سەن.
زىيا ئۈزمەيدۇ چېھرىڭدىن گۈلى رەيھاندا بار ھۆسنۈڭ،
باھار كۆچمەيدۇ دىللاردىن، سوغۇلماس بوستىنى سەن – سەن.
ئۈزەر ھۇشلارنى ئەركىمدىن كەرەشمە ئاتقىنىڭ لەھزە،
يەنە ۋەسلىمگە جان سەپلەپ تىلەكنىڭ دەرمانى سەن – سەن.
كۆزۈڭدىن سىرغىغان رىشتە چوقۇم مەيلىڭنى باغلايدۇ،
پۈتۈلگەن ئەھدىگە مەزمۇن مۇھەببەت ۋولقىنى سەن – سەن.
مېھىر قاينايدۇ كۆكسۈڭدە تامام ئۆمرۈمگە تەپ جابدۇپ،
مېنى يالقۇنغا ئىتتىرگەن ئىشقنىڭ چوغدىنى سەن – سەن.
چىمەن ئۆرنەكنى ئىستەيدۇ بويۇڭ چاچقاندا خۇش ھىدنى،
بېرىپ رىزۋانغا جىلۋەڭنى گۈزەللىك مىزانى سەن – سەن.
چۆكۈپ باغرىڭغا جان كۆيسە لېۋىڭدىن قان چېچىپ، دىلبەر،
قىيام شەربەتتە ئەم بەرگەن سۆيۈكنىڭ ئېھسانى سەن – سەن.
مېنىڭ چاڭقاقلىقىم كۆنمەس بىرە پۇرسەتتە دەۋرەشكە،
ئەبەدكە يەتسە مۇشتاقلىق بەختنىڭ ئايۋىنى سەن – سەن.
يېرىپ كۆكرەكنى خەندانغا سۈزۈك پەزلىڭنى ئاختۇردۇم،
بېرەر تۇيغۇنغا يۈكسەكلىك ئۈمىدنىڭ ئاسمىنى سەن – سەن.
2011 – يىلى 29 – سىنتەبىر،تۇرپان.
تۇرغۇن جالالىددىن
ئۇلا رىشتە، ئۈز ھىجران

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر