باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ياندى ئەسەب دىل ئارا

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.09 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


قاينىدى دىلدا پۇرۇقلاپ نازلىرىڭ سالغان ئەسەب،
ئىشق ئارا ئاچقىن گۈلىستان مەن ئۈچۈن، رىزۋان نەسەب.
كۆز قاراق شەلپەرگە ھەمراھ ، جىلۋىگەر چېھرىڭ قىزىق،
ئاھ ئوتى قۇچماققا ھەر ئان لەۋ گۈلى – رەيھان سەۋەب.
مەن ئۈپۈپ خۇرشىدنى تۈندە كۈتكىنىم ئامەت چوقۇم،
مىڭ قۇياش ۋەزنىدە زاھىر ۋەسلى دەم تاپقان ئەجەب.
دىلرەبا، پەزلىڭدە بەربات يات نەزەر قۇرغان دوقال،
ھەر نەپەس زىكرىدە يانماق رىشتىلەر چاتقان شەرەپ.
تۈن ئارا مېھرىڭدە لەززەت سۈرمىكىم ئادەت ماڭا،
ئىقتىدا مەيلىڭگە يەتسە... ئۇ ئۈمىد ئاچقان تەلەپ...
پەيتى ئوت تەشۋىشنى ئۆرتەپ بارغىنىم ئەھدىڭ ئۈچۈن،
ھەر باغاش ئەۋجىدە سۆيگۈم دىل كۈتۈپ تۇرغان تەرەپ.
كەلدى بۇ ھىجران تىۋىشسىز مىڭ ئوشاق دەردى بېرىپ،
تاۋلىماق تاقەتتە زەنجىر ئەھلى دەرد ئالغان ئەدەب.
دىلرەبا، ۋەسلىڭگە نۇر بەر، يورۇسۇن ھىجران تېڭى،
سېغىنىش مىسلى كۆزۈمدە جۇغلىدى ئىشقى سەلەب.
كەل بېرى، كۆيگىن قويۇندا، سۆيگۈمىز تاپسۇن كامال،
ۋەسلى دەم تۇيغۇنغا ئىنئام نازلىرىڭ سالغان ئەسەب.
2011 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر، تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر