باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يار ماڭا جىلۋەڭ (تۇرغۇن جالالىددىن)

2015.04.09 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بار، نىگار، جىلۋەڭ نۇرىنىڭ چاقنىشى كۈلبەمدە بار،
ئويغىتىپ كەلگەن تۈنۈمنى رىشتە خۇش كۈلكەمدە بار.
نەۋباھار تاپماس سېنىڭسىز گۈل – چېچەك خەندانىنى،
بەرق ئۇرۇپ تۇرغان ئىشقتا ھىدلىرىڭ غۇنچەمدە بار.
بال قۇچۇپ پىشقان لېۋىڭگە ئىشتىياق مەھكەم چوقۇم،
دىلغا چىڭ بەرگەن سەھەتلىك لەززىتى زەمزەمدە بار.
شام – سەھەر كۈلگەن شەپەققە جەزبى ئوت قوشقان يۈزۈڭ،
بىغۇبار چېھرىڭ تەسەددۇق، زىكرىسى شەبنەمدە بار.
سېھرى ئىمكان پەيتلىرىگە قول سۇنۇپ كەلدىم ئۇزاق،
ئەگىگەن پەزلىڭ كۆكىنى چاڭقىقىم ئەھدىمدە بار.
چوغ قويۇن يىغقان ھارارەت زەپ گۈزەل ئىستەك ئاچار،
ئال قېنى، كىرسىز مۇھەببەت چوغلۇقى پەنجەمدە بار...
لەززىتى كۆچمەس چۈشۈمگە سەن كەبى دىلدار سەۋەب،
لەۋ يېقىپ قويساڭ ھوشۇمغا قۇت ھىدى دەستەمدە بار.
نە قىلاي ئۈلپەت دېمىگە يەتمەيىن ھىجران ئارا،
سۆيگۈگە قانماس يۈرەكنىڭ قۇترىشى خەندەمدە بار.
يار، نىگار، تۇيغۇن ياراتقان سۈپسۈزۈك ئارزۇ ساڭا،
نازلىنىپ كەلسەڭ مۇبارەك كۈلكىلەر ئەتەمدە بار.
2011 – يىلى 25 – دىكابىر، تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر