باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۆيىشىدۇ شۇنداق جۈپ يۈرەك

ئۆمەرجان سىدىق

2015.04.08 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

«سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟»
ئەۋەتىپسەن شۇ شېئىرنى جېنىم.
سېغىندىم مەن باھارنى، سېنى،
ۋەسلىڭ تامان ئىنتىزار قەلبىم.

قارا، ئاھۇ كۆزۈڭدە بېقىپ،
كۈلۈمسىرەپ تۇرساڭ تىكىلىپ.
غۇنچە لېۋىڭ سۆيگۈ يوللىسا،
سەدەپ چىشىڭ تۇرسا قىزغىنىپ.

ئاھ، ئوت بولۇپ يانىمەن شۇندا،
ئوماق تۇرقۇڭ ئۇرغۇتىدۇ قان.
ئىنتىلىمەن ساڭا ئەسەبىي،
بېسىپ ئالار دۇنيانى توپان.

شۇنچە شىرىن، ئوتلۇق ۋۇجۇدسەن،
ئوخچۇپ – ئوخچۇپ بېرىسەن سۆيگۈ.
ئاھ، باغرىڭدا ئېرىپ كېتەر جان،
توختاپ قالار ۋاقىتمۇ مەڭگۈ.

دولقۇنلايسەن باغرىمدا رەت – رەت،
نازلىرىڭغا جور بولار خۇلقۇڭ.
بارچە لەززەت جەم بولۇپ بۇندا،
جاننى ئالار چوغ كەبى تۇرقۇڭ.

نەدىن كەلدى بۇنداق ھېسسىيات،
كەلكۈن كەبى كېلىسەن بېسىپ.
ئوتلۇق، شىرىن ھارارىتىڭدە،
سىماب كەبى كېتىمەن ئېرىپ.

ھەر ئويلىسام سېنى ئەزىزىم،
شىرىن تىترەك باسار قەلبىمنى.
قانداق سېھىر باركىن سېنىڭدە،
ئېلىۋالدىڭ سۆيگۈ، ئەركىمنى.

سەن غەرەزسىز شۇنچە مۇلايىم،
ھەم سۆيىسەن ئۈنسىز، ئۈمىدسىز.
يۈرىكىڭدىن تىلەيسەن تىلەك،
ئىلھام بېرىپ ماڭا تىنىمىسىز.

نەدە بولاي «شۇنداق بىر يۈرەك،
سۆيەر مېنى»دەيمەن بەختتە.
سەن بولغاچقا كۆڭلۈم خاتىرجەم،
چىقماقتىمەن مۇنبەر، تەختكە.

دۇئالىرىڭ ياشارتىپ مېنى،
يوللىرىمنى قىلماقتا ئوچۇق.
نەدە بولاي قەلبىمدە بارسەن،
بولۇپ جانغا مەنىۋىي ئوزۇق.
2012 – يىلى ئۆكتەبىر چاڭشا

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر