- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ﻛﯜزدﯨﻜﻰ ﮬﯩﺠﺮان
ئۆمەرجان سىدىق
2015.04.08 15:05 مەنبە: خەلق تورى
ﻛﯜز ﻳﺎﭘﺮﯨﻘﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﻪر ﺋﺎﺳﺘﺎ،
دەرەﺧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪا ﮬﯩﺠﺮان.
ﺋﯩﯖﺮاﻳﺪۇ ﺳﺎرﻏﯘچ ﺧﺎزاﻧلار،
ﺟﯘداﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﻪرﮔﻪردان.
ﻣﯘزدەك ﺷﺎﻣﺎل ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮاپ،
ﻳﺎﭘﺮاﻗلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﻣﺎلال.
ﮬﺎﻟﺴﯩﺰ ﭼﯧﭽﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﻪۋرﯨﻨﯩﭗ،
ﻛﯚل ﺑﻮﻳﯩﺪا ﺗﯘرار ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺘﺎل.
ﻣﻪن ﻛﯧﻠﯩﻤﻪن ﺧﺎزاﻧﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﺪا،
ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻣﻪﻳﯜس ﻛﻪﭼﻜﯜزﮔﻪ ﭘﯧﺘﯩﭗ.
ﺳﻪن ﻧﻪﻟﻪردە ﺧﺎزاﻧﺪەك ﺳﻮﻟﯘپ،
ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪۇرﺳﻪن ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ.
ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻧﺪەك ﻛﻪﭼﻜﯜز ﻳﺎﭘﺮاﻗﻨﻰ،
ﺑﺎﻏﺮى ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ دەرەخ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ.
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪى، دەرﯨﺦ!
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻛﺎﻧﯩﺪﯨﻦ.
ﻳﺎﭘﺮاﻗلارﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ،
ﮬﻪﺳﺮەت ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ.
ﺳﻪن ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﻣﻪن ﻛﯚﻛﯜل دەرەخ،
ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻢ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ،
ﻛﯜﻟﯜپ ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ!
2007-ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، دۇﻧﺨﯘاڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر