باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﻳﺎﻣﻐﯘردﯨﻜﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩش

ئۆمەرجان سىدىق

2015.04.08 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﻗﺎﻳﺎﻗلاردﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ ﺋﻪي ﺑﯘﻟﯘت،
ﻣﯚﻟﺪۈر ﻛﻪﺑﻰ ﻳﯧﻐﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﺎﻣﻐﯘرﻧﻰ.
ﻳﯩﺮاق ﻳﯘرﺗﯘم ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﺎﺷلاپ،
ﻛﯚردۈڭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘرﻧﻰ.

ﺋﯘلار ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﺮام،
ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜز، دەپ.
ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯚﻛﺘﯜﯕﻤﯘ،
ﻛﯚز ﻳﯧﺸﯩﻤﯘ ﻳﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺟﻪپ.

ﻧﯧﭽﯜن ﺋﺎﺑﻰ ﻛﻪۋﺳﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺗﯚﻛﻤﻪﻳﺴﻪن،
ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻮﺗﻠﯘق، ﺑﺎﻏﺮى ﭼﺎﯕﻘﺎق زﯦﻤﯩﻨﻐﺎ!
ﻧﯧﭽﯜن ﺑﯘ ﻳﻪر ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﭼﯩلاﻧﻐﺎن،
ﮬﯧﭻ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪۇ ﺑﯘ ﺗﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯧﯖﯩﻤﻐﺎ.

ﻣﺎﻧﺎ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘر ﺋﺎرا ﺗﯘرﯨﻤﻪن،
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯚز ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ.
ﻧﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪر ﻛﻪﻟﺪى ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ،
ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘرﺗﯘم، ﮔﯜﻟﺰارﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ.

ﻣﯩﻐﯩﻠﺪاﻳﺪۇ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر،
ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ، ﺋﯘﭼﯘر ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯘﻟﻨﻰ دەپ.
ﭘﻪﻗﻪت ﻣﻪﻧلا ﺋﺎلاﻗﯩﺴﯩﺰ، ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ،
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘز، ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﺋﺎھ، ﺋﻪﺟﻪپ.

ﻳﺎت ﺗﺎۋۇﺷلار، ﻳﺎت ﺋﺎدەﻣﻠﻪر، ﻳﺎت ﺷﻪﮬﻪر،
ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﺴﺎر ﮬﻪردەم ﺋﺎﻣﺒﯘردەك.
ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﯩﻤﻪن ﺋﺎھ ﻗﻪدرﯨﯖﮕﻪ دﯨﻴﺎرﯨﻢ،
ۋﯨﺴﺎﻟﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪا ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺑﻪك.
(2004- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر