باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

XXX

ئۆمەرجان سىدىق

2015.04.08 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﻗﯩﺴﻤﻪت ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪى ﺑﻪك ﻳﯩﺮاﻗﻘﺎ ،
ﻛﯚزۈم ﻳﻪﺗﻤﻪس ﺳﻪن ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﯘز ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ.
ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﺎش ﺷﻪﮬﻪردە ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ،
ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺴﻪن ۋﯨﺴﺎل ﺗﯧﯖﻰ ﺳﻪﮬﻪرﮔﻪ.

ﺋﯩﻨﺘﯩﺰارﻟﯩﻖ دەﻣﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ،
ﺟﯩﺮﯨﯖﻠﯩﺴﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ دﯨﺪار ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن.
ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ،
ﺋﺎﯕلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﺗﯘرۇﭘﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎزۇك ﺋﯜن.

ﻳﺎزﻣﺎﻗﺘﯩﻤﻪن ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﺷﯧﺌﯩﺮ،
ﻣﺎﻧﺎ ﺳﻮﻏﯘق ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗ.
ﺟﯘداﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎزاﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﯩﻴﻤﻪن،
ﮬﻪر ﻣﯩﺴﺮاﻏﺎ ﻛﯚز ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ.

ﻣﻪن ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﺗﺎۋۇﺷلاردﯨﻦ ﻳﺎﺗﺴﯩﺮاپ،
ﻛﻮﭼﯩلارﻧﻰ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ -ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻛﯧﺰﯨﻤﻪن.
ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪا ﻣﯩﻐﯩﻠﺪاﻳﺪۇ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر،
ﺋﺎھ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺳﯧﺰﯨﻤﻪن.

ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻮﺗﻠﯘق ﺗﯩﻨﯩﻘلاردﯨﻦ ﻗﯩﺰارﻏﺎن،
ﺑﺎﻏﺮى ﺋﻮﺗﻠﯘق ﺑﺎراﯕﻠﯩﻖ ﻳﻮل ، ﻛﻮﭼﯩلار.
ﻗﯧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ، ﺧﯘﺷﺎل ﻛﯜﻟﻜﻪ، ﺗﺎﺷﻠﯩﻖ ﺳﺎي،
ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﻪﭼﻤﯩﺶ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﭘﯘﭼﯘلار.

ﮬﯩﺠﺮان ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪزﯨﺰﯨﻢ،
ﺋﯩﺸﻪن ﮬﺎﻣﺎن، ﺋﯘ ۋﯨﺴﺎﻟﻐﺎ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪار.
ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮلار دﯨﺪار ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
ﺳﺎﮬﯩﻠلاردا ﺋﯧﺮﯨﮕﻪﻧﺪە ﺳﻮﯕﻐﻰ ﻗﺎر.
(2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر