باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كۆز خاتىرىسى

ئابباس مۇنىياز

2015.03.31 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇپۇققا قارىدىم. نۇر بۆشۈكىنىڭ كۆزى تېخى ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن، قاش- قاپاقلىرى بەك گۈزەل ئىدى. كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ئۇپۇققا قارىدىم. زېمىننى سۆيۈپ تۇرغان جىمجىتلىق ۋە چەكسىزلىككە تۇتاشقان گۈزەللىك كۆزۈمنىڭ قىچىشىشلىرىنى سەل ئۇنتۇلدۇرغاندەك بولدى.
قىچىشىش! ...
جاھاندىكى ھەممە ھاسىلات قىچىشىشتىن باشلىنامدۇ- نېمە؟! ئۇنداقتا، خەلقىمىز چەكسىزلىككە تۇتاشقان ھېكمەت رىشتىسى ئىكەن. ئۇنىڭ بىر ئۇچى ئاگاھ گۈدەكلىكىگە، يەنە بىر ئۇچى كۈنسېرى ئېگىزلەۋاتقان پەيلاسوپقا تۇتىشىدىكەن.
بالىلىقتا ئاڭلايمىز: بىر يەرلىرىڭ قىچىشتىمۇ؟!
يېتىلگەندە ئىشتىپ تۇرىمىز: ھەممىسىنىڭ بېشى- قىچىشىش! كۆزۈم توختىماي قىچىشىۋاتىدۇ...
بىرىنچى كۈنى:
چۈشۈمگە قوشۇلۇپ كەتكەن سۇس قىچىشىش تاڭ بىلەن تەڭ ئەۋجىگە چىقتى. سول كۆزۈمنىڭ شېرىن قىچىشىشلىرىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. تۇتۇپ باقىمەن،ئۇۋىلاپ قويىمەن، بېسىپمۇ كۆرىمەن. يەنە قىچىشىدۇ، توختىماي قىچىشىدۇ!...
ئەينەككە قاراپ باقتىم. ھېچنىمە يوق. ياشاڭغۇراپ كېتىپتۇ، قىچىشىدۇ، يەنىلا قىچىشىدۇ!...
«كۆز دېگەن نازۇك نەرسە، ئايىغۇلۇق، ئاسرىغۇلۇق» دەيتتى دادام.
تۇتمۇدۇم، لېكىن يۇمۇۋالدىم. كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرسام، قىچىشىش ئارام بېرەمدىكىن دېدىم. يۇمۇۋالسام، ھەممە يوق بولۇپ كېتەمدىكىن، قىچىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەرمەنمىكىن دېدىم. ھېچ بىر رىسالىدە، قىچىشقان كۆزنى يۇمۇۋېلىشقا بولمايدۇ، دېيىلمىگەنىدى.
بىراق، بۇمۇ كار قىلمىدى. كار قىلامدىكىن دەپ، كۈن بويى يۇمۇق كۆز يۈرۈش مۇمكىنمۇ؟ كۆزنىڭ ئۇلۇغلىقى- ئوچۇق تۇرۇشتا، خاسىيىتى كۆرۈشتە، ياشاڭغۇرسىمۇ كۆرسۇن. كۆرۈپ تۇرۇپ قىچىشسۇن!...
سول چانىقىم ياشقا تولدى. تولدى دېگىنىم نېمىسى، بۇلدۇقلاپ تاشتى. غېمىم ئاشتى، كەيپىم قاچتى. «تەننىڭ ساقلىقى پادىشاھلىق» دېگەنلەر راست ئېيتىلغانىكەن. ۋاي كۆزۈم، ۋاي كۆزۈم! ...
كۆز دېگەن ئۇلۇغ نەرسە، ئۇۋىلاشنى كۆتۈرمەيدۇ...
شېئىرسىمان بىر ئاگاھلاندۇرۇش شېرىن قىچىشىشقا دۇمباق چېلىۋاتاتتى. پۈتۈن بەدەننىڭ تۇمۇرى بىر، دەپ ئاڭلىغانىدىم قايسى بىر چاغدا، ئۇنداقتا يىراقتىن تاتىلاش ئۇسۇلىمۇ بولىدىغۇ؟ بېشىمنى تاتلىدىم. كۆزۈم قىچىشىۋەردى...
يۈزۈمنى تاتلىدىم، سول كۆزۈم قىچىشىۋەردى...
ئېڭەك، بۇرۇنلۇرۇمنى چىمداپ باقتىم. قىچىشىش، يەنە قىچىشىش، شېرىن قىچىشىش...
ۋاي كۆزۈم!..
ۋاي كۆزۈم!...
ئىككىنچى كۈنى:
كېچىچە ئارام بەرمىگەن سانجىلىش مانا ئەمدى ئېچىشىشقا ئۆزگەردى. ئۇخلىسام ئوڭشىلىپ قالارمەن، دېگەن خىيالىممۇ كۆپۈككە ئايلاندى.
- ۋاي جېنىم، ۋاي جېنىم! ... ئىششىپ كېتىپتۇ. قىزىرىپ كېتىپتۇ!... چوقۇم بىر نەرسە كىرىپ كېتىپتۇ!...
ئايالىم دېمىگەن ھالەتتىمۇ، ئىششىپ كەتكەنلىكىنى سىزىپ تۇراتتىم.سول كۆزۈمنىڭ ئوڭ كۆزۈمگە قارىغاندا ئېغىردەك بىلىنىشى، يەنە كېلىپ بارغانسېرى ئۆرلەپ ۋە كېڭىيۋاتقاندەك سېزىلىشى ئىششىغانلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ گېپىدە بىر يېڭىلىق بار. «بىر نەرسە كىرىپ كېتىپتۇ!» تۆنۈگۈندىن بېرى نېمىشقا مۇشۇنى ئويلىمىدىم- ھە؟ كۆز دېگەن ئۇلۇغ نەرسە، كىرىپ كەتكەننى كۆتۈرمەيدۇ!
دەرھال ئەينەككە قارىدىم. ياش قويۇلۇپ تۇرغان سول كۆزۈم ئىششىقتىن قىسىلىپ كەتكەنىدى. نېمىلا بولمىسۇن كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ بېقىشىم، قاپاق، جىيەكلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ قارىشىم كېرەك!
ياش پەردىسى غىلدىرلاپ تۇرغان قارىچۇغۇم ئېچىشىشلارغا بوي بەرمىگەندەك پارقىراپ تۇراتتى. لېكىن، ئەتراپتىكى ئەھۋال بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى. قىلدام تومۇرلارنىڭ ھەممىسى قىزىرىپ كەتكەن. بۇ قىزىللىق چاناق، قۇيرۇق، جىيەك ۋە قاپاقلارغىچە تاراپ ئۈلگۈرگەنىدى. ئاستىنقى جىيەكنىڭ ئۇدۇلىدىكى تېرىقتەك بىر نۇقتا شەلۋەرەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. دەرد مۇشۇ يەردە ئوخشىمامدۇ. ئۇنداقتا، كىرىپ كەتكەن ئۇ نەرسە قېنى؟
قاپاقلىرىمنى ئۇيان سۇزۇپمۇ، بۇيانغا تارتىپمۇ قارىدىم. يوق،ھېچنىمە يوق! ئېچىشىش، چىداپ تۇرغۇسىز ئېچىشىش...
دورا تېمىتتىم. ھۆل لۆڭگىنى تەگكۈزۈپ باقتىم. پۈۋلىۋېتىپمۇ كۆردۈم. ئوخشاشلا ئېچىشىش، يەنە شۇ ئېچىشىشقا قوشۇلۇپ كەتكەن سانجىلىش!...
چىداپ تۇرالماي، ئاستىنقى جىيەكنى بىگىز بارمىقىم بىلەن پەسكە قايرىدىم. ھەيرانمەنكى، سانجىلىش شۇئان يوقاپ كەتتى. ئېچىشىشمۇ پەسەيدى. ياپىرىم، ھەممە چاتاق مۇشۇ يەردە ئوخشىمامدۇ. سانجىلىش، بېسىلىشتىن بولغان بولسا، ئۇنداقتا،ئېچىشىش سانجىلىشتىن بولغانمىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈن بويى قاپىقىمنى قايرىپ يۈرۈشۈم كېرەكمىدۇ؟
ۋاي كۆزۈم!...
ئۈچىنچى كۈنى:
ئېچىشىشنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشقا ئايلىنىپ كېتىشىنى كىم ئويلىغان؟ ئەمدىلىكتە، ئېچىشىشنى سېغىنىپ كەتتىم. قىچىشىش بولسا تېخى ياخشى ئىدى. قەيەر ئاغرىسا، جان شۇ يەردە، دەيدىكەن. ئەسلىدە جان كۆزدە ئىكەن ئەمەسمۇ، كۆزدە!
دوختۇرغا بېرىشتىن قورقتۇم. كۆز دېگەن نازۇك نەرسە، قايچا- پىچاقنى كۆتۈرمەيدۇ...
ئەينەككە قاراشقا ئۆچ بولساممۇ، يەنىلا قاراشقا مەجبۇر بولدۇم. يېنىش- يېنىشلاپ قارىدىم. سول يېرىپ بۇغداي ئۇرغاندەك، قىر بېسىپ باشاق تەرگەندەك ئەستايىدىل، زېرىكمەي قېدىردىم.... يەنە ھېچنېمە يوق، دېگەن يەكۈنگە كېلىپ بولغانىدىم. بىراق، بېگىز بارمىقىمنى قويۇۋېتىشىم بىلەنلا ئاغرىشنى سانجىلىش بېسىپ كەتتى. كىرپىكمىدۇ- يا؟! مۇشۇ خىيالغا كەلگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەبەدىي ئەقىللىق ھېسابلايمەن. چۈنكى، بارلىق بايقاش خىيالدىن باشلىنىدىكەن ئەمەسمۇ!
خىيالىمنىڭ راست بولۇپ چىققىنىغا چۆچۈپ كەتتىم. كۆزۈمگە سانجىلغىنى ھەقىقەتەنمۇ كىرپىكىم ئىدى. يۇلۇنۇپ كەتكەن ئەمەس، ياشاۋاتقان، كۆزۈم قۇۋۋىتىدىن ياشناۋاتقان كىرپىك!
ئۇزۇن، جانلىق ۋە قاپ- قارا بىر تال كىرپىك كۆزۈمنىڭ ئىچى تەرەپكە قاراپ ئۆسكەنىكەن. جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئۆسۈش بولىدىكەن- ھە! شۇنچە زاماندىن بېرى نېمىشقا كۆرمىدىم؟ راست، مەن ئەينەككە قاراشقا ئۆچ ئەمەسمىدىم. ئەينەككە قاراپ تۇرمىسا، كىرپىك تەتۈر ئۆسۈدىكەن- دە!
ئۆزىنىڭ كۆزىگە سانجىلغان كىرپىك...
ئۆزىدىن- ئۆزىگە ئېيتىلغان كىرپىك...
ھىماتتىن رەقىبكە قېتىلغان كىرپىك...
ئازاب شېئىر تۇغسا كېرەك، ئاغرىق كۈچىدە شېئىرسىمان ئېڭراشلار ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى. بەلكىم ناھايتىمۇ كۆپ قاپىيلەرنى ئۇلاپ دەۋاتقاندىمەن، ئەمما بۇلار ئاغرىققا دال بولالمايتتى. يىرىڭلاشقا باشلىغان كۆزۈمنىڭ داۋاسىنى قىلىشىم كېرەك ئىدى.
ئاستىنقى كىرپىكلىرىمنى پەسكە تەكشى بېسىپ باقتىم. سانجىلىش يوق، شۈكرى، دەپ ئىشىمغا تۇتۇش قىلىمەن، سانجىلىدۇ. كۆزۈمنى چىمىلداتماي تۇرىمەن، شۈك،مىدىرلىتىمەن، ئاغرىيدۇ...
ئىچىگە ئۆسكەن كىرپىك سىلاش بىلەن يانمايدىكەن!
ئاغرىق كۈچەيگەنسېرى دادىل بولۇپ كەتتىم.
كۆز دېگەن نازۇك نەرسە!....
ئاگاھلاندۇرۇش قۇلۇمدىكى قايچىنى توسالمايتتى. قىچىشىش دېگەن راستىنلا ئاجايىپ نەرسە ئىكەن- ھە!؟
كىرپىك!...
ھەي كىرپىك!...
× × × × × × ×
قوللىرىمنى كەينىمگە تۇتۇپ، بەرجەس كۆزۈم بىلەن ئۇپۇققا قارىدىم. نۇرسىز قۇياش ئەمدىلا كۆزىنى ئۇۋىلاپ قوپقانىدى. ئۇ گۈزەل جانانغا، ياق، شاھ جاناننىڭ سېھىرلىك كۆزىگە ئوخشايتتى. ئالەم چىرىغى بولغان بۇ شاھانە كۆزمۇ قىچىشامدىغاندۇ؟
ئارقامغا ئاستا ئۆرۈلدۈم.
كۆز دېگەن نازۇك نەرسە!..


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر