باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شور مەھەللە

ئابباس مۇنىياز

2015.03.31 10:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئىمانلار سەتھىدە كۆرۈشكەن دەملەردە ئىسمىڭ شور مەھەللە ئىدى. يىل ئۆتتى، يىللار ئۆتتى.... ئىسمىڭ يەنىلا شور مەھەللە.

   ئۆزگەرمەس ماھىيتىڭ ۋە ئۆزگىچە نامىڭ بىلەن ئانامنى تۇققان ئىدىڭ. يېڭىچە ئىسمىڭ ۋە ئەبەدىيلىك سۈپىتىڭ بولسا ئوغلۇڭ تەسەۋۋۇر قۇشىنىڭ قانات ئىزلىرىدىن يارالدى. ئېسىڭدىدۇر شور مەھەللە، ئۇچۇرۇم بولغان قۇشۇڭ كۆزىدىكى سۈرئىتىڭ ئەزەلىيلىك ماھىيتىڭدىن پەرقسىز ئىدى: قەدىمىي ۋە نامرات؛ ئاددىي ۋە سۆيۈملۈك؛ مەردانە، ئەمما مېھرىبان!... ئەمدىلىكتە يېڭىچە نامىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ بولغاندەك. دىمىسىمۇ نېمە پەرق؟ ھەر ئىككىلىسى «شور» بىلەن مەنىداش مەھەللە: توي- مەشرەپلەر ئوينىغان، ناخشا- سازلار قاينىغان، بۇلبۇل- قۇشلار سايرىغان، نامراتلىق بەك ئاينىغان مەھەللە. ھەر ئىككى سى شور مەھەللە. ئىككىلىسى شور مەھەللە!...

  پات- پات سوراپ قالىمەن: ئەت ۋە بېتىڭ شورمىدى، ئانام تىلىدا شور بولدۇڭمۇ ياكى يازما ئىشلار پاساھىتى مەردانە گەۋدەڭنى شور ئازگالغا ئۇردىمۇ؟

  بىلىمەن، شور مەھەللە. سېنىڭ نامىڭلا ئەمەس، تىلىڭمۇ شور. ھەر سۇئالغان سۇئال، ياق، نەشتەر بۇلۇپ سانجىلىسەن: تەرەپ- تەرەپتىكى ئۆستەڭلەر لاي بولغاندا سەن بارمۇ؟

  نە ئۆستەڭكى، دەريالار تىنىپ كەتكەندە سەن بارمۇ؟

   يايلاق بۇلۇپ يارالغان، نامى ھەريان تارالغان، ئامۇت ساقى، ساقى باي نامى بىلەن ئاتالغان ئاشۇ جاڭگال- سازلىقىم تۈگەشكەندە سەن بارمۇ؟ دەرەخلەر غۇلىغا تىغ تەگكەندە چۇ؟ ئوت ياشلار ياش تۆكۈپ باش ئەگكەندە چۇ؟ تۇزلۇق سۇئالغان تۇزلۇق ئۈندىشىم بار. چۈنكى سەن شور مەھەللە بولساڭ، مەن شور ئادەم. ئۆزگىچە نامىڭنى ئوغلۇڭ قويغىنى راست، ئەمما ئۇنىڭ روھىمۇ، جىسمىمۇ سەندىن يارالغان. سەن دىمەك- شور دىمەك. شور سۈزۈلسە تۇز بولىدۇ دەيدىغۇ؟!... ئەمدى تۇزلۇق ئۈندەشلىرىم ئۆز نىشانىغا نەشتەر: نائەھلىلەر قولىغا شور قاپلاپ تۇرغان گەۋدەڭ بېرىلگەندە مەن يوقمۇ؟! ناباپ ئىگەڭ ۋەجھىدىن، نامدار يايلاق- قىرلىرىڭ بۇزۇلغاندا، مەن يوقمۇ؟ مەجرۇھ ئاقساقال شور بېتىىڭنى ساتقاندا، سېنى ساتقان سەۋەپلىك پۇل ۋە مەنسەپ تاپقاندا، يەنە مەن يوقمۇ؟ بەتلىرىڭ بۇزۇلغاندا چۇ؟! ئەتلىرىڭ تىتىلغاندا چۇ؟! ياپيېشىل يايلاقلار گەۋدىسىگە تىغ ئۇرۇلغاندا سانسىزلىغان سۈزۈك بۇلاقلار كۆزىدىن ياش قۇيۇلغاندا، مەن يوقمۇ؟! مەن يوقمۇ؟! مەن يوقمۇ؟!.... كىندىك قېنىم باغرىڭدا، شورلۇق ئېتىڭدە، شور مەھەللەم. شور سۈزۈلسە تۇز بولىدۇ دەيدىغۇ؟!... كىندىك قېنىم مېھىرلىك ئېتىڭدە، شورلۇق بېتىڭدە شور مەھەللەم. شور سۈزۈلسە تۇز بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسەن؟ .... سەن- شور مەھەللە. ئىسمىڭ جىسمىڭغا، جىسمىڭ ماھىيتىڭگە تەڭداش مەھەللە. چۈنكى ھەممىسىگە شور قۇشۇلغان. سەن- شور، سەن- مەھەللە!... ئىدراكىم كۆزلىرى پارلىغاندا، ئىسمىڭ شور مەھەللە ئىدى. يىل ئۆتتى، يىللار ئۆتتى... ئىسمىڭ يەنىلا شور مەھەللە!...


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر