باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

رىشتىدە يار جىلۋىسى (تۇرغۇن جالالىدىن)

مۇخەممەس

2015.03.24 10:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دىلرەبا كۈتكەندە دەۋرەش ئوت قويۇپ كەلدىم ھامان،
ھەر نەپەس سۇنغاندا تەشۋىش ئۇلغىيىپ قەلبىم ئايان،
زەپ قىزىق قانلاردا راسلاپ يوللىدىم ئىشقى بايان،
بولسا گەر ئىستەكتە ھالقىش بارمىدى لەرزى پايان؟
شۇ راۋاج ئەھدىمدە كۆيدۈم، جىلۋىگەر پەزلى نىشان.

گۈللىگەن باغلاردا تاپتىم، ھۆسنىگە رەيھان مىسال،
ھىد ئارا كەلگەندە سۈلكەت ئايرىدى ھۇشتىن ماجال،
لەۋگە لەۋ يەتكەندە شەربەت تاۋلىدى قەدرى ۋىسال،
شۇ دەقىق ئالەمگە تەڭداش نۇرلىنىپ چېھرى قامال،
تەپ ئارا ئىلكىمدە سەپراس ئىللىغان كۇللى جاھان...

گاھ كېلىپ سوقتى دىلىمغا ھىجرى ھال پۈتكەن قۇيۇن،
ئەۋجىنى تاپقاندا ھەسرەت زاغ ئارا بولدى ئويۇن،
گاھ ئىزاھ بەرمەي تارالدى ۋەسۋەسە بەكمۇ يوچۇن،
مۇز بولۇپ قاتقان قارارلار بەكمۇ سوغ ئاچتى قويۇن،
بەلكى مەن گۈلخانغا ھەمراھ، ئۇ چوقۇم ئىللىق ماكان.

دىل ئېزىپ كەلگەندە غەملەر مەجنۇنى ھەمدەم ماڭا،
مىڭ غېرىب ھالىدا ئىزھار چاتقۇسى ياردەم ماڭا،
تاڭ ئارا كۈلگەندە شەلپەر قەترىسى زەمزەم ماڭا،
كۈچ بېرىپ تۇرغان ئەزەلدىن دەرد لەزىز، مەلھەم ماڭا،
ئەسلى مەن كۈلپەتتە كۈتتۈم ئۆرتىگەن ھۇشتىن ھايان.

گاھ ئۈپۈك پەيتىدە شاھ بىز، چوغ قەلب ئىزھارى بىز،
گاھ زۇغۇي قەستىگە تىغ بىز، گاھ قارا ئاھ – زارى بىز،
سېغىنىش دىللارغا يىلتىز، ئەھلى ئىشق گۈلزارى بىز،
دىل سۆزى كۈيلەردە پاكىز، بەختۇ – ئىقبال يارى بىز،
دىلبىرىم ئاچقاندا خەندە تاۋلىدى ۋەسلى ئىنان.

مەن سۆيۈپ خۇرشىدنى تۈندە كۈتكىنىم ئەختەر ئىدى،
قان ئېتىش لەۋلەرنى ئۇندا لەۋ ئارا رەھبەر ئىدى،
مىڭ ۋاپا بەھرىدە تاۋلاپ ئالغىنىم جەۋھەر ئىدى،
قاندۇرۇپ ئۆمرۈمگە مەنا كۆيگىنىم دىلبەر ئىدى،
ئويغىتار تەقدىرنى ئىستەك بەرقى تاڭدا بىگۇمان.

دەۋرىشىم ۋىل – ۋىل ئەمەس ھەم، ئۇ ئەمەس ئەپسانە ھەم،
ئىنتىلىش دەۋرەشكە بائىس، ئىشقى ھال مەستانە ھەم،
نام تېپىپ يۈردۈم ئىشقتا، ئەھدىلەر مەردانە ھەم،
ئەمدى مەن زىكرىمدە تۇيغۇن، ئابرويۇم نۇرانە ھەم،
دىلبىرىم ئۆرتەشكە كۆچسە رىشتىگە يوللار راۋان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر