باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئاتا تۇيغۇنغا گۈلگۈن تاڭ (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 10:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۆيۈكلەر ئوت بولۇپ يانغان تىلەكنىڭ ئىپتىداسىدا،
تىلەكلەر نۇر – جۇلا تاپقان مەلەكنىڭ ئىقتىداسىدا.
شەپەقلەر دىلغا نۇر سەپسە، گۇماننىڭ سايىسى كۆچسە،
ۋۇجۇدلار تاپقۇسى چاقناش باھارنىڭ دىلرەباسىدا.
ئىشقنىڭ دەۋىتى ھەرئان مېنى چوغدانغا ئىتتىردى،
كاۋاپنىڭ لەززىتى چەندان ھەۋەسنىڭ ئوتتۇراسىدا.
كامالەت سۇنسا، يار، ۋەسلىڭ، پۇرۇقلاپ قاينىغان قانغا،
تېڭىمغا دارىماس داغلار پىغاننىڭ قاپقاراسىدا.
سېنىڭدە ئىشقى ۋولقان بار،تىلىمدا بەلكى خەندان بار،
قويۇنلار كۈي تۆكۈپ تۇردى يۈرەكنىڭ ئىلتىجاسىدا.
قىزىق لەۋلەردە پىشقان تەم تۇتاش لەززەتكە ئۈندەيدۇ،
پاراغەت ئەھلىگە شاھمەن كۆيۈكنىڭ ئوربېتاسىدا.
ھىجىرنى باشلىما، لالەم، نادامەت چەكمىسۇن ئالەم،
دىلىڭ كەلمىشكە يۈز ياققاي بەختنىڭ مۇددىئاسىدا.
يورۇق سۆھبەت ئارا ئۈنمەن، زۇغۇينىڭ قەستىگە تۈنمەن،
ئېچىل، قەدرىڭدە نۇر ئەلۋەك بېھىشنىڭ مەرھاباسىدا.
سۆيۈكلەر ئوت بولۇپ يانسا، يەنە ۋولقانغا نە ھەيرەت؟
ياسا تۇيغۇنغا گۈلگۈن تاڭ تىلەكلەر نۇر – جۇلاسىدا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر