باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

خۇرشىد (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 10:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

پىسەنتتىن بىخەۋەر نالەم، تۈنۈڭدە دىل يارا، خۇرشىد،
ئەسەبكە چىنپۈتەر ئالەم، ئۈنۈمدە مىڭ نىدا، خۇرشىد.
ۋىسالنى تورىغان ھىجران ئۈپۈككە بەرمىدى ئىمكان،
مۇلاقات پۇرسىتى ۋەيران، كۆزۈمدىن گۈن جۇدا، خۇرشىد.
نىگارنىڭ لەۋزى ئۇنتۇلدى دىلىمغا رىشتىلەر چاتماي،
لېۋىمدىن ئوت كۆچەر بولدى، جېنىمغا تىغ – جازا، خۇرشىد.
باھارنىڭ ھۆسنىدە ئەسلى قويۇننى ئۆرتىگەن شۇ پەيت،
بېغىمنىڭ قاپقارا ۋەسلى، سوغۇلغان نۇر – زىيا، خۇرشىد.
دىلىمدا ئىشقى ۋولقان بار، سېنىڭسىز لەرزىسى يوق گەپ،
تىلىمدا بەلكى ئېھسان بار، تەسەددۇق ھەم بەجا، خۇرشىد.
ئېتىپ دىشۋارغا قەدرىمنى كوچاڭدا شەرمىسار ئەتمە،
تېڭىپ كۈلپەتكە ئەركىمنى قادالما بوپ رىيا، خۇرشىد.
تەسەللى يەتسە بىر لەھزە تامام ئۆمرۈمگە رىغبەتتۇر،
يۈرەكتىن ئۆچمىگەي مەززە، تىلەكلەر تىك قىيا، خۇرشىد.
غېمىڭدە راسلىغان يىپتا سۈزۈك سەمىڭنى باغلايمەن،
قارار دەۋەتلىرى پۇختا، ئەزىز رايىڭ راۋا، خۇرشىد.
پىسەنتتىن چاچرىغان ئۇچقۇن جىمى ئاتەشكە بائىستۇر،
ئەسەبكە يەتسە گەر تۇيغۇن، ئۈنۈمدە ئوت – لاۋا، خۇرشىد.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر