- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىشقى خەندانىڭ كۆرەي (تۇرغۇن جالالىدىن)
2015.03.24 10:10 مەنبە: خەلق تورى
ھۇش ئۈزۈپ تاڭدا، نىگارا، ئىشقى خەندانىڭ كۆرەي،
نۇر تۆكۈپ تۇرغان دىلىمغا پەزلى چولپانىڭ كۆرەي.
گۈل باھار كۆركىگە ھەمدەم ئوتلىنىپ تۇرغان چاراي،
جۇش ئۇرۇپ دىللارغا كۆچكەن مىسلى بوستانىڭ كۆرەي.
تەپ بېرىپ لەۋلەرگە لەۋدىن ئوت قويۇپ كەلدىڭ داۋام،
شۇ راۋاج مېھرىڭدە يانغان جەزبى گۈلخانىڭ كۆرەي.
كۈي ئېتىپ كەلگەن يۈرەككە سەن كەبى دىل پارە يوق،
زەپ لەزىز تۇيغۇڭدا چاچقان ۋەسلى فونتانىڭ كۆرەي.
ھەر ۋىسال پەيتىگە دىلدىن ئەھدىلەر بەردىڭ قېنىپ،
ئەھلى گۈليۈزلەر سېپىدە پەيتى ئىمكانىڭ كۆرەي.
مىڭ ئازاب دەملەردە بەرپا ئايرىلىش يەتكەن مەھەل،
رەشكى ھال كۆكلەرگە يەتسە ئەۋجى ھەيرانىڭ كۆرەي.
مەن ئۈچۈن قەدرى مۇقەددەس دىلدا پەيدا لەرزىنىڭ،
سەنمۇ ھەم يەتكىن ئەسەبكە بەرقى ۋولقانىڭ كۆرەي.
ھەر نەپەس زىكرىڭدە كۆيمەك سەن ئۈچۈن داستان ئىدى،
سەنمۇ چىق سىرلار ئۆيىدىن، ئەسلى ۋىجدانىڭ كۆرەي.
ھۇش تېپىپ تاڭدا، نىگارا، سوققۇسى تۇيغۇن يۈرەك،
قۇت قۇچۇپ تۇرغان ئۈزۈلمەس ئىشقى خەندانىڭ كۆرەي.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر