باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۈزۈك تاڭلاردا دىلبەر خۇش (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 10:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىيا مەقسەتكە جابدۇنغان تالاي تاڭلاردا بىر ئۈن بار،
نىگار خىلۋەتكە يۈز ياققان، سۈزۈك ئاڭلارغا مىڭ تۈن بار.
ئازاب پۇرسەتلىرى دىلنى شەرەپ ئىلھامغا ئۈندەيدۇ،
ۋىسال قىيناقلىرى ۋەجى قاقاس دەملەردە كەلكۈن بار.
ئۇزارغان داغى ھىجرانلار ياشارتىپ كەلدى سۆيگۈمنى،
دېدىم: ئارمانغا تاڭ مەنسۈپ، بىراق، مۆھلەتكە ئۆگۈن بار...
سادالار زەنجىرى، دىلبەر، كۆيۈكنىڭ بۇرجىدا چاقنار،
دىلىڭدىن كۆچمىگەن تۇيغۇ يېزىلمىش پەيتى تۈرگۈن بار.
سۆيۈكنىڭ دەردىدىن پەچىم يېمەسكە مەندە نە ئىمكان؟
ئېقىنلار ئايلىنىپ ئاقمىش، دېمەك، پۇرسەتكە ئۆتكۈن بار.
لېۋىمدىن ئاجرىماس چاڭقاق سىياھ تۈنلەردە قۇترايدۇ،
سويۇلسا پەردىلەر ئاجراپ ئۇپۇقتا دىلرەبا كۈن بار.
دىلىمدا شۈكرىلەر فونتان، قىيانىڭ قەددىدە خەندان،
ئازابتىن ئايرىما،دىلبەر، دىلىڭدا ئەسلى تۇيغۇن بار!
(«تارىم»نىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر