باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يۈز ياقتىم (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 09:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


چېكىلگەن تاڭ قۇۋۇقىغا قىيا مەقسەتتە يۈز ياقتىم،
ئېچىلغان ئاڭ جۇلاسىغا شەپەق شۆھرەتتە يۈز ياقتىم.
بېغىڭغا شۇڭغۇغان دەمدە ئېنىق مەقبۇلغا پەنجەم تەل،
سۆيۈكنىڭ سۈبھىسى كۈلسە قىزىق سۈرئەتتە يۈز ياقتىم.
جۇنۇن ھالىمنى دەپتەرلەر تۈنۈمدە ئىزتىراپ ئەۋجىپ،
پىغانلار پۈركىسە كۆكرەك داۋام ھەيرەتتە يۈز ياقتىم.
ئاراغا سىغمىغان قىلدا مېھىرنى باغلىدىم مەھكەم،
بىراق، سوققاندا سوغ ھىجران لەزىز كۈلپەتتە يۈز ياقتىم.
ئېچىرقاش سۈيلىسە دەردكە قەلەندەر كەچمىشى مەندە،
رۇجەكنى دىل بىلەن چەكمەك كويىغا يەتتە يۈز ياقتىم.
(«تارىم»نىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر