باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كىم (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 09:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


كىم مۇھەببەت شەرتى بۇ، دەپ ئايغا قارماق تاشلىدى؟
كىم مۇھەببەت شەرھى بۇ، دەپ يولغا يانتاق تاشلىدى؟
كىم باھارنىڭ دەپتىرىنى ئاختۇرۇپ، ئەگىز ئىچىپ،
بىخ،چېچەكلەر مەۋسۇمىدە رىشتىنى ئاق تاشلىدى؟
كىم ئەزەلنىڭ زىكرىسىدىن نامە ئىزدەپ،نۇر قۇچۇپ،
چىن ۋاپانى دىلدا تاۋلاپ لەۋدە مونچاق تاشلىدى؟
كىم شاياتۇن ئىشرىتىنى سۆيگۈ، دەپ تەبىر بېرىپ،
داغى ھەسرەت ۋەجى بولمىش تىلغا چاققاق تاشلىدى؟
كىم ئىشق دەپ يولدا قالدى،قاي بىرى گۈلزار ئارا؟
زەپ سۈزۈك ئىقبال قەدەمگە جەزمى پەشتاق تاشلىدى.
قونسا گەر دىلبەر كۆكىگە بەرقى نۇردا يۇلتۇزۇڭ،
بۇندا مەشۇق پەيتى لەۋگە ۋەسلى قىرغاق تاشلىدى...
پاك مۇھەببەت شەرتى ۋىجدان ۋە ئازابقا يار ئىمىش،
ئەمدى،تۇيغۇن،كەس سۈكۈتنى، سۈبھى باغاق تاشلىدى...
(«تارىم»نىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر