- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گۈلۈم (تۇرغۇن جالالىدىن)
2015.03.24 09:56 مەنبە: خەلق تورى
ھەر نېچە دىشۋارلىرىمدىن قاچمىغىن، كەلگىن، گۈلۈم!
لەۋ كۈتۈپ تۇرغان لېۋىمدىن ئوتلىرىم ئالغىن،گۈلۈم!
شام-سەھەر ئەسكەن شامالدا بار باھار ئاپتاپلىرى،
ياتمىقىڭ ئاپتاپتا شەكسىز، دىل قۇچۇپ قالغىن،گۈلۈم.
تاڭ ياساپ كەلگەن چۈشۈمنىڭ كۆكىگە خۇرشىد يېقىن،
تېرىۋال چولپانلىرىمنى، دىل ئارا سالغىن،گۈلۈم.
شەرھى جان يۈتمەس كۆيۈك بۇ، يالقۇنى قەلبىڭدىدۇر،
قۇت بولۇپ جەملەندى ناخشا، پەرزى كۈي چالغىن،گۈلۈم.
لەرزىنى تاپتى ئېچىرقاش، قەددى كۈل تۇيغۇن بۇ دەم،
ھەر نېچە دىشۋارلىرىمغا ئاچ قويۇن، كەلگىن، گۈلۈم!
(«تارىم»نىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر