باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

گۈل چىراي ئاچقاندا راي (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 09:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

باشلىغان سۆھبەتلىرىڭدىن چاقتى چاقماق توختىماي،
تاشلىغان خىلۋەتلىرىڭدىن ئۇچتى كۆككە ۋەسلى ئاي.
گۈل باھار مۆككەن بېغىڭدىن كەتكىنى يوق بىر مۇراد،
بىر ئەمەس، مىڭ بىر مۇرادقا لەۋ ياقارسەن، گۈل چىراي.
تۇرغىنى باغلاپ يۈرەكنى چاڭقىقىم نۇر ھالقىسى،
ھالقا-ھالقا تەشۋىشىمگە كۆز قاراقىڭ بولدى جاي.
بىپىسەنت ئۆتسەڭ قارايغاي بەستى ئاسمان قۇببىسى،
چۈنكى، خۇرشىد، ئاي يۈزۈڭدە، بىر ئۈپۈككە بولسا راي.
بىر ئەزىز پۇرسەت يىراقتىن جىلۋە قىلسا قايدىسەن؟
لەۋگە ئوت تامغان مەھەلگە شەرھىنى يازدىم تالاي...
سەندە غالىب بىر پەزىلەت، ئالقىنىڭدا چاقنىشى،
دىل ئېرەر نەۋرۇز ھىدىدەك رىشتىلەرگە قوندۇراي.
بەك سۈزۈك سۆھبەت كۈيىگە رۇجىكىڭ ئاچقىن،نىگار،
خىلۋىتىڭدىن ئىرغى، تۇيغۇن، شۆھرىتىڭنى ئەلگە ياي...
(«تارىم»نىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر