باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ناز بىلەن كەلسەڭ نىگار (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 09:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

باغ ئارا گۈل قىلسا تەنناز، دىلبىرىم خۇشبۇي چاچار،
جىلمىيىپ تۇرغان يۈزىدىن خۇرشىدى رەپتار ئاقار.
كۆز قاراق ئەكسىدە جەۋلان مىڭ باھار دىلدارلىقى،
جۈپ زىناق بۇلدۇقلىرىدا قەستى جان قىلتاق ياسار.
ئات چېپىش بىللە نىگارغا بەرگۈسى ئوت مەۋسۇمى،
ھەر دەقىق، ھەر بىر نەپەستە ۋەسلى قۇت رىشتە قاتار.
ئوت يۇتۇپ، ۋولقان ئىچىپمەن ئاختۇرۇپ كەلدىم ئۈپۈك،
ياتقىنىم ئاپتاپتا دەۋرىي مەيلى دىل مەھۋەش ئۇتار.
بار كاۋاپ لەززەتلىرى،ۋاھ، مەن كەبى پەرۋانىدە،
ئەھلى دەرد، سۆھبەت كۆكىدە سەپ تۈزۈپ ئەختەر ئاقار.
مەن چىقىپ دىشۋارلىرىمدىن پەنجىگە ئالدىم يۈرەك،
بىر ئۈپۈك ۋەجى ۋىسالغا مەڭگۈلۈك تاڭلار ئاتار...
قويغىنا كۈلپەتلىرىڭنى، ۋايسىماي، تۇيغۇن، بۇ رەت،
مىڭ ئوشاق قىسسە بېتىدە سەن كەبى مەردان ياتار...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر