- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۇررا مارشى __ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
2015.03.10 16:51 مەنبە: خەلق تورى
چاپىدۇ تۇلپارلار بەيگىدە گويا،
ھۇررادىن لەرزىگە كەلمەكتە دۇنيا.
چىملىقتا ياڭرايدۇ بىر گۈزەل ناخشا،
غەيرەت قىل! ئەجدادلار شوئارى ھۇررا!!!
ھۇررادىن يارالغان كۈي- سازىمىز بار،
يېڭىش ھەم زەپەردە پەرۋازىمىز بار
سىلەرگە مەدەتكار ئاۋازىمىز بار،
مېھرىمىز ھەرقاچان سىلەرگە دەريا!
پەم بىلەن توس!
ئالدا!
ئۈس!
تەپ!
كەلدى توپ،
چىداش بەر ئاغرىققا!
تۇر ئورنۇڭدىن قوپ،
ئاداققى غەلىبە بىزلەرگە مەنسۇپ،
ھۇجۇم قىل!
بۆسۈپ ئۆت!
غەيرەتتە ئالغا!
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر