- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پۇتبول مارشى __ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
2015.03.10 16:49 مەنبە: خەلق تورى
جەم بولدۇق بىر پەقەت مەقسەت- مۇددىئا،
روھىمىز، جىسمىمىز ماگمىدۇر گويا.
ئانا يۇرت، خەلقىمىز بەرمەكتە دۇئا،
ئاھ پۇتبول سەن ئۈچۈن يۈگرەيمىز ئالغا !!!
يىغىلدۇق پۇتبول دەپ ھەر يەر- ھەر يۇرتتىن،
قورقمايمىز شىۋىرغان،
زىمىستان،
جۇتتىن،
ئىرادە، غەيرەتتە كۈچ ئالدۇق ئوتتىن،
ئاھ پۇتبول سەن ئۈچۈن يۈگرەيمىز ئالغا!!!
خەلقىمىز يار- يۆلەك مادارىمىز بار،
تىللاردا ئۇران ھەم شوئارىمىز بار.
دىللاردا يېڭىشكە قارارىمىز بار،
ئاھ پۇتبول سەن ئۈچۈن يۈگرەيمىز ئالغا !!!
نەقىرات:
ئىرادە، غەيرەتنىڭ تۇغى سەن پۇتبول
يۈرەكنىڭ يالقۇنلۇق چوغى سەن پۇتبول.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر