- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆڭكۆۋرۈك __ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
2015.03.10 16:48 مەنبە: خەلق تورى
دۆڭكۆۋرۈك سەن ئاجايىپ جاھان،
ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئىللىق ماكان،
باغرىڭ گويا بىپايان ئاسمان،
يېتىملەرگە بولدۇڭ پاسىبان.
تېپىلىدۇ قوينۇڭدىن ھەممە،
تەكلىماكان روھى بار سەندە،
ئارزۇ- ئارمان ساڭا بەخشەندە،
يايرار سەندە دېھقانۇ-سۇلتان.
ئۇيغۇر ئاقار قۇچاقلىرىڭدا،
تاۋلىنىدۇ ئوچاقلىرىڭدا،
ياڭراپ ناۋا پەشتاقلىرىڭدا،
ئۇيغۇر روھى بولار نامايان.
خوپ ياراشقان ساڭا چوڭ بازار،
ئوكيان ئاتلاپ كېلەر خېرىدار،
مۇھەببىتىڭ يۈرەكتە يانار،
تەرىپىڭگە پۈتۈلەر داستان.
نەقىرات:
دۆڭكۆۋرۈك سەن ئۇيغۇر خامىنى،
جەمدۇر سەندە ئۇيغۇر ئارمىنى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر