- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تونۇش بىر ئۆلۈمنى قالدىم ئۇچرىتىپ
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 10:50 مەنبە: خەلق تورى
تونۇش بىر ئۆلۈمنى قالدىم ئۇچرىتىپ،
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.
ئېلىپ ئۇ قوينىدىن يوق بىر كىتابنى،
ئوقۇدى: ھاياتنىڭ مەنىسى- ئۆلۈم! ...
تونۇش بىر ناخشىنى قالدىم ئۇچرىتىپ،
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.
ئېلىپ ئۇ قوينىدىن چالدى بىر سازنى:
ناخشىنىڭ مەنىسى- ياردىن ئايرىلىش!...
تونۇش بىر ئايالنى قالدىم ئۇچرىتىپ،
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.
دېدى ئۇ لېۋىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ، ئاھ:
سۆيۈشنىڭ مەنىسى- ئەر بىلەن ئايال!...
تونۇش بىر تەقدىرنى قالدىم ئۇچرىتىپ
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.
چەكسىز دەرد- ھەسرەتتە بېشىنى ئېگىپ
دېدى ئۇ: ئادەمنىڭ مەنىسى- تەقدىر!...
تونۇش بىر شېئىرنى قالدىم ئۇچرىتىپ،
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.
ئالدى ئۇ قەلەمنى، يازدى بىر مىسرا:
..............................
چۈمۈلۈپ قاتمۇ- قات مەنىسىزلىككە.
ئۇچرايدۇ ھەر كۈنى تونۇش- بىلىشلەر،
تۇتۇپ مەن قولىنى، باشلايمەن ئۆيگە.
سۆزلەيدۇ مەنىسىنى زوق بىلەن ئۇلار،
تاكى
قالمىغۇچە زەررىچە مەنە!...
2011- يىلى 28- ئاۋغۇست. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر