باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مەن جۇدا!...

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 10:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


قۇياش بۇنچە قاراڭغۇ بولمىسا
ئاينىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلارمىدىم؟
يۇلتۇزلار بۇنچە پەرىشان بولمىسا
دەريا بويىغا بېرىپ بۇلۇتلارنى تىللارمىدىم؟!...
ئاھ، خۇدا
مەن جۇدا
كۆكتىكى ئاسماندىن
گۈلدىكى رەيھاندىن
باغرىمدىكى تاشتىن
كۆزۈمدىكى ياشتىن
ئاھ، خۇدا!...
كىچىكمەن ئۆزۈمدىن
گاچىمەن سۆزۈمدىن
گاھىدا
قاراپ ئوڭ ۋە سولۇمغا
ئۇيۇلىمەن ئىككى يۈزۈمدىن...
كىرپىكىم ئوق
كۆزلىرىم سىرتماق.
تۈكلىرىم نەيزە
قوۋۇرغام پىچاق.
گۆشلىرىمدە ئىت قاۋاپ
قېىنم ئاقار ۋۇجۇدۇمنى قامچىلاپ.
چاچلىرىمدا بىر كېچە
ئاقىرىدۇ تاڭغىچە،
گۈل كۆتۈرۈپ ئاڭغىچە
ئۆتۈپ كېتەر دېرىزەمدىن سۆيگۈ پەسلى ئالدىراپ.
ئاھ، خۇدا
مەن جۇدا!...
غىرىبمەن ئاھ، نىچۈن دائىم ئۆلۈپ كەتكەن سەنەمدە
جېنىمنىڭ بىر غۇنچىسى پورەكلىگەن ئەجەمدە
كارۋات كىشنەر، گۈلدۈرلەيدۇ سۈكۈنات
ماڭار تامدىن مۇئەللەقكە ئۆلۈك ئات ...
ئۇزاق ياشاپ
نە قىلارمەن چېكىپ بۇنچە كۆپ ئازاب؟
...
يىراقتا يىراق
يىراق، بەك يىراق
ئۆچمەس ئەبەد يۈرەكتىكى ئوت- پىراق.
ئاھ، خۇدا
مەن جۇدا!...

2011- يىلى 10- ئىيۇن. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر